Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئورتاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى برلىشىپ بېجىرگۈچى.
پىتنىخور شەيتاننىڭ شېرىكى. ياخشى ئەر ئەلگە ئورتاق، يامان ئەر مالغا. تېرىمدا يوق، خاماندا تەڭ شېرىك. بۆرە تاپسا تەڭ ئورتاق، قاغا تاپسا دەرەخ ئۇچىدا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەممىگە تەئەللۇق، بىر - بىرىگە مەنسۇپ، تېگىشلىك، ھەممىگە تەڭ.
ئورتاق خىزمەت، ئورتاق كۈرەش كىشىدە ھەممىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كۈچ - قۇۋۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئومۇمىي ئىشقا جان پىدا قىلغاننى ئومۇم ئۇنتۇمايدۇ.
شىۋىلەر
كىگىز ئۆي، چېدىر، ئاق ئۆي،
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئورتاق، شېرىك.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئورتاق ئەردەن ئارتۇق ئالماس _ ئورتاق ئۆز ئورتىقىدىن ئارتۇق ئالماس. بۇ ماقال ئىنساپقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 134
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. بىر ۋاقىتتا تۇغۇلۇپ بىللە چوڭ بولغان، بىللە ئۆسكەن؛ دوست، تەڭتۈش.
بىلەلمىدىم بەختىم نېچۈك قارادۇر، زەمبىل كەبى جانۇ جىسمىم يارادۇر. كۆزۈم يۇمۇپ، جانىم چىقىپ بارادۇر، ئورتاقلىرىم مېنى يۆلەپ، يۈرۈڭلار.
سۈپ. كۆپچىلىككە تەۋە، ھەممىگە باراۋەر، كۆپچىلىككە تەئەللۇق بولغان؛ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىدە بار بوغلغان، ھەممە ئىگە بولغان.
بۆرە تاپسا، تەڭ ئورتاق. قاغا تاپسا دەرەخ ئۇچىدا (ماقال).
سۈپ. ئوخشاش، بىردەك؛ تەڭ، پەرقسىز.
ئومۇمەن ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىمۇ، قايغۇسىمۇ ئورتاق ئىدى.
رەۋ. بىرلىكتە، باراۋەر.
يېزىنىڭ ئىشلىرىغا ھەممەيلەن ئورتاق مەسئۇل بولۇشىمىز لازىم.
ئى. دېھقانچىلىقتىكى بىرەيلەن ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى، بىرەيلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى چىقىرىش يولى بىلەن قىلىنغان شېرىك دېھقانچىلىق.
بۇلتۇر مۇنۇ ئارقىدىكى قوشنىمىز ھاشىم باينىڭ يېرىگە ئورتاق قوغۇن تېرىغانىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئورتاق، ئاممىباب.