Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئورسىنى
دۇنيا تارىخى
奥尔西尼
ào ěr xī ní
(1819 - 1858)، ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى. ياش ئىتالىيە پارتىيىسىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، 1844 - يىلى رىمدا ئۆمۈرۋايەتلىك ئېغىر ئىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1846 - يىلى 7 - ئايدىكى ئومۇمىي كەچۈرۈمدە قويۇپ بېرىلىپ، 1846 - 1847 - يىللاردىكى فىرېنزې ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1848 - 1849 - يىللاردىكى ئىتالىيە ئىنقىلابى مەزگىلدە پىدائىي قىسىمغا كىرىپ، ۋېنېتسىيىنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن رىم ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ۋە رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېرراتسىنا، ئانكونا، ئاسكولىلاردا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىمى بولغان. 50 - يىللادا چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، ماززىنىنىڭ مەخپىي پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1854 - يىلى ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن. ماززىنىنىڭ كۈرەش تاكتىكىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شەخسىي تېررورلۇق ۋاسىتىسىنى قوللىنىشقا ئۆزگەرگەن. 1858 - يىلى 1 - ئايدا پارىژدا لۇئى بوناپارتنى قەتل قىلىشنى قەستلىگەن، ئەمەلگە ئاشۇرالماي، ئۆلتۈرۈلگەن.