Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوروزكو
دۇنيا تارىخى
(1883 - 1949)، مېكسىكىلىق رەسسام، مېكسىكا تام رەسىملىرى ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، <مېكسىكىنىڭ ئۈچ مەشھۇر تام رەسسامى> نىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. 1908 - 1914 - يىللاردا مېكسىكا شەھىرىدىكى گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1917 - 1910 - يىللاردىكى مېكسىكا ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1917 - 1919 - يىللار ۋە 1927 - 1934 - يىللاردا ئامېرىكىدا مۇھاجىر بولۇپ ياشىغان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن مېكسىكا شەھىرى ۋە گۇدالاجارادا خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ تام رەسىملىرى ئىنقىلابىي ھېسسىياتقا تولغان بولۇپ، ئاساسەن مېكسىكا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە ئىشچىلارنىڭ كۈرىشىنى تەسۋىرلىگەن، ئۇلار كۆرۈنۈشى كەڭ، قۇرۇلمىسى ماسلاشقان ۋە پۇختا بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئاتاقلىق ئەسەرلىرى <مېكسىكا ئىنقىلابىدا>، <پرومېتې>، <يېڭى دۇنيانىڭ مەدەنىيەت داستانى>، <ئوت ئادەم> ۋە <ئاكوب> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.