Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوردژونىكىدزې
دۇنيا تارىخى
奥尔忠尼启则
ào ěr zhōng ní qǐ zé
(1886 - 1937)، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. گروزىن. 1903 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1905 - يىلى ئىنقىلاب مەزگىلىدە تاشقى كاپكازدا پارتىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. 1912 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە مەركىزىي كومىتېتى روسىيە بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. بىر قانچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان. 1917 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن پېتروگرادقا قايتىپ كېلىپ، ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەشكىلاتچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئىنقىلاب غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، ئوكرائىنا ۋە جەنۇبىي روسىيىگە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىم بولغان. ئىچكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە غەربىي سەپ ۋە جەنۇبىي سەپلەردە قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاقلار ئارمىيىسىگە قايتۇرما زەربە بېرىشىگە قوماندانلىق قىلغان. 1926 - 1930 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئىشچى - دېھقانلار تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خەلق كومىسسارى، خەلق كومىسسارىياتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1930 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئالىي خەلق ئىگىلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئېغىر سانائەت خەلق كومىسسارى بولغان