Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوران ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
奥兰之战
ào lán zhī zhàn
مىرىسكبىر ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتالغان. 1940 - يىل 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئەنگلىيە - فرانسىيە دېڭىز فلوتىنىڭ گېرمانىيىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوران قاتارلىق پورتلاردا فرانسىيە دېڭىز فلوتىنى چۆكتۈرۋەتكەن ھەربىي ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە دېڭىزنى كونترول قىلىش ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، فرانسىيە دېڭىز فلوتىنىڭ ئەنگلىيىگە كېلىشىنى تەلەپ قىلغان، ۋىش ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە 1940 - يىل 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى شەرتلىك بەلگىسى <قونداقلىق يا> دېگەن ھەربىي ھەرىكەتنى قوللىنىپ، ئالجىرىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدكى مىرىسكبىر (ھازىرقى ئوۋاخران، ئوران دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە پورتلاردا تۇرغان فرانسىيە دېڭىز فلوتىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، پاراخوتلىرىنىڭ تولىسىنى چۆكتۈرۈپ ۋە ئېغىر زەخمىلەندۈرۈپ، تەخمىنەن 1300 نەپەر فرانسىيە ماتروسىنى ھاياتىدىن ئايرىغان. 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى پورتلاردا توختىغان فرانسىيە پاراخوتلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلغان. ئەتىسى فرانسىيىنىڭ ۋىش ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئوران ئۇرۇشى ئەنگلىيىنى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە گېرمانىيىگە نىسبەتەن دېڭىزدىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.