Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئورانگوتان
بىئولوگىيە
猩猩
xīngxīng
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ پرىماتلار ئەترىتى، ئورانگوتان ئائىلىسىگە كىرىدۇ. <ئادەمسىمان قوڭۇر مايمۇن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۇڭى ئۇزۇن قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. بەدەن شەكلى چوڭراق، ئېگىزلىكى 4.1 مېتىر، ئېغىرلىقى 70 - 80 كىلوگرام. ئالدى پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تىزىدىن ئاشىدۇ. بېشى ئۇچلۇق، تۇمشۇق قىسمى ئالدىغا چىققان، كۆز - قۇلاقلىرى كىچىك، بۇرنى تۈز، ئاغزى چوڭ، قوزۇق چىشى تەرەققىي قىلغان. قوۋۇز خالتىسى يوق، چوڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلغان. تروپىك بەلباغدىكى نەم، قويۇق ئورمانلاردا ياشايدۇ، كۆپ ۋاقتىنى دەرەختە ئۆتكۈزىدۇ، يامىشىشقا ماھىر، دەرەخلەرگە ئۇۋا ياساپ ھايات كەچۈرىدۇ. يەردىمۇ ئۆرە ماڭالايدۇ. لېكىن قىياپىتى كالامپاي، يۇمران يوپۇرماق، ياۋايى مېۋىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئادەتتە كىچىك تىپتىكى بىر ئائىلە ئەزالىرى بىللە توپلىشىپ ياشايدۇ. ئورانگوتان ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، يولۋاستىن باشقا دۈشمەنلىرىدىن قورقمايدۇ. زېھنى خېلى تەرەققىي قىلغان. لېكىن شىمپانزا ۋە گورىللاردىن تۆۋەن تۇرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىنى دورىيالايدۇ. كالىمانتان ۋە سوماترانىڭ قويۇق ئورمانلىرىدا ياشايدۇ، كۆرگەزمە قىلىشقا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
xīng xīng 〈dòng 〉
猩猩〈动〉