Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوراكلې
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى گرېتسىيىدە تەڭرى ۋەھىيىسىنى جاكارلايدىغان سورۇن. قەدىمكى گرېكلاردا تەڭرىلەردىن ئىجازەت سورايدىغان ئادەت بولۇپ، مەيلى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىقى قاتارلىق چوڭ ئىشلاردا بولسۇن ياكى ئائىلىدىكى شەخسىي ئىشلاردا بولسۇن، بىرەر مۈشكىلاتقا يولۇققاندا تەڭرىلەرگە ئىلتىجا قىلىنغان. گرېتسىيىنى ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۇتخانىلاردا ئوراكلې تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىچىدە مەشھۇرلىرىدىن: فوسېس (گرېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى) نىڭ دېلفويدىكى ئاپوللون ئوراكلې، ئېپرۇس (گرېتسىيىنىڭ شىمالىي قىسمى) دىكى دودونا ئوراكلې قاتارلىقلار بار. تەڭرىنىڭ ۋەھىيىسىنى جاكارلاش ئۇسۇللىرى تامامەن ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن كاھىنلار (تەڭرىنىڭ ۋەكالەتچىسى) نىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىشلارغا ئارىلىشىشى ۋاسىتىسى (سىياسىي، ھەربىي قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان. تەڭرىنىڭ ۋەھىيىسى كۆپىنچە ئىككى تايىن مۈجمەل بولغان. مەسىلەن: لىدىيە (كىچىك ئاسىيا) پادىشاھى كروئىسوس پېرسىيە پادىشاھى كورۇسقا قارشى ئۇرۇش باشلاشتىن ئاۋۋال، دېلفوي - ئوراكلېدىن ياخشىلىق ياكى شۇملۇقتىن بېشارەت بېرىشنى ئىلتىجا قىلغان، خۇدا ئاپوللونىڭ ئايال كاھىنى كىروئىسوسقا ئۇنىڭ <بىر بۈيۈك ئىمپېرىيىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقى> نى ئۇقتۇرغان. كېيىن كىروئىسوس ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان (مىلادىدىن 546 يىل ئىلگىرى) ھەمدە كورۇشنىڭ رۇخسىتى بىلەن ۋەكىل ئەۋەتىپ، تەڭرىنىڭ ئۇنى ئالدىغان ياكى ئالدىمىغانلىقىنى سوراپ باقماقچى بولغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئايال كاھىن بىر ئىمپېرىيىنى ۋەيراى قىلىدۇ دېگەن خاتا ئەمەس، ئەپسۇسكى كىروئىسوس زادى <قايسى ئىمپېرىيىنى كۆرسەتكەن، كۇرۇشنىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيىسىنىمۇ> دەپ ئېنىق سورىمىغان دەپ جاۋاب بەرگەن. كىروئىسوس سەۋەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور بولغان.