Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوقتىن ساقلىنىش كىيىمى
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
يامغـۇردەك يـېـغـىـۋاتـقـان ئوقلار ئىـچـىـدە ئوق ۋە سىنارەد پارچىلىرىدىن ساقلىنىدىغان ھەربـىـي كـىـيـىـم بـولـۇپ، بـۇ ئوقـتـىـن ساقلىنىش كىيىمى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئوقتىن ساقلىنىش كىيىمى نەچچە10 يىلـلـىـق تـارىـخـقـا ئىـگـە. ئەڭ بۇرۇنقى ئوقتىن ساقلىنىش كىيىمى پولات ساۋۇت بولۇپ، ئېـغـىـرلـىـقـى9 كىلوگرامچە كېلەتتـى، بـۇ ئارقـىـلـىـق ئوق ۋە بـومـبـا پـارچـىـلـىـرىـنـىـڭ زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى. بىراق، ئۇ ھەرىكەتـچـان ئۇرۇشـقـا باب كەلمىگەچكە، قاراۋۇل، پىلىموتچى قـاتـارلـىـقلارلا ئىـشـلـىـتـەلـەيـتـتـى. قورالنىڭ ھۇجۇم قىلىش خۇسۇسىيىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېـرىـكىـدا ئوقتىن ساقلىنىدىغان يېڭى كىـيـىـم ئىـشـلەپـچـىـقـىـرىـلـدى. ئايـروپـىلان بومباردىمان قىلىۋاتقاندا، يەر يۈزىدە جەڭ قىلىۋاتقانلار ئوقتىن ساقلىنىدىغـان بۇ خىل كىيىمنى كىيىۋالسا، تالاپىتى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ.
ھازىرقى زامان ئوقتىن ساقلىنىش كىيىملىرىنىڭ كـۆپـىـنـچـىـسـى ئەلا سۈپەتلىك خىمىيىۋى تالالىق ئوققا قارشى تۇرالايدىغان ماتـېـرىـيـاللاردىـن تىكىلىدۇ. بۇ خىل تالالارنىڭ كۈچىنىشى پولات سىمـنـىـڭـكـىـدىـن 60% يۇقىرى، زەربىگە تاقابىل ئىقتىدارى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇقىم ئىسسىقلىق ساقلايدۇ ۋە خىمىيىۋى تەسىرگە قارشى تـۇرىدۇ، ئەۋرىشىملىكىمۇ ئىنتايىن ياخشى. ئوق ئۇنىڭغا تـەگـكـەنـدە، ئوقـنـىـڭ زەربـە كۈچىنى تارقاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئوق تېخى تېرىـگـە تـەگـمـەي تـۇرۇپلا كۈچىدىن قېلىپ، كىيىمـنـىـڭ ئۈسـتـىـدىلا تـوخـتـاپ قـالـىـدۇ. ئوقـتـىـن ساقلىنىدىغان بۇ خىل كىيىمنىڭ ئېغـىـرلـىـقى2 −3 كـىـلوگـراملا كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئالاھىدە يېنىك فارفور ماتېرىيالدىن ياسـالـغـان ئوقتىن ساقلىنىش كىيىمى بار، بۇ خىل ئوقتىن ساقلىنـىـش كـىـيـىـمـىـنـى كىيىۋالغاندا،50 مېتىر ئارىلىقتا62 .7 مىللىمېتىر كالىـبىـرلـىـق مىلتىقتىن ئۇدۇل ئېتىلغان ئوقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئوقتىن ساقلىنىش كىيىمىنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلـىـرى بـولـسـىـمـۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇئەييەن يېتەرسىزلىكلىرىمۇ بار، مەسىلەن، قىشتا كىيـگەنـدە سوغۇق، يازدا كىيگەندە ئىسسىق، تەننەرخى يۇقىرى قاتارلىقلار.