ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. ئوقيا، كامان، ساداقلاردىن ئېتىلىدىغان نەيزە. "ئوقدان. * ئالدىغا ئوقتەك ئېتىلىپ بارماق.
2. جەڭ قورللىرىدىن، قورال - ياراغلاردىن ئېتىلىغان ھەر خىل پاترونلار، سنارەدلار." مىلتىق ئوقى، زەمبىرەك ئوقى، پىلىموت ئوقى. * ئوق يارىسى، ئوق ئاۋازى، ئوق - دورا. * غايىب ئوق تەگمەك. * ئوقنىڭ كۆزى يوق (ماقال).* ئوقنىڭ كۆزى يوق (ماقال).* ئاتقان ئوق قايتىپ كەلمەس (ماقال). * ئېيتىلغان سۆز - ئېيتلغان ئوق (ماقال).* ئاتالمىغاننىڭ ئوقى ئالتە غۇلاچ نېرى كېتەر (ماقال). * ئاتالمىغان ئوقىدىن كۆرەر، چىچالمىغان پوقىدىن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. ئىككى چاقنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلغان، ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرىدىغان قاتتىق ياغاچ ياكى مېتال.
ھارۋىنىڭ ئوقى. * ماشىنىنىڭ ئوقى.
2. ئايلىنىدىغان جىسىم قۇتۇپلىرىنى بىرلەشتۈرگۈچى تىك سىزىق، شۇ سىزىق جايلاشقان يەر. يەر شارى ئوقى. * يەر ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، ھەر بىر ئايلىنىشتىن كېچە - كۈندۈز ھاسىل بولىدۇ.
3. نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي تۈرى. ئوق يىلتىز. * ئوق ئېرىق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مىراس تەقسىماتىدا ھەر بىر ئۆلۈش، ھەسسە.
مىراس ئۈچ ئوق قىلىنىپ، ئىككى ئوق ئوغۇلغا، بىر ئوق قىزغا بېرىلىدى.
دائىرە: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىدەل، خۇددى:
ئەزەلدىن ئوق كۆڭۈل نەقدى نىسارى ئىشق ئولغاندۇر،
ئەمەس ھاجەت پەرىلەرگە كىم ئولدى بولماق.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
دەل، خۇددى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىلتىق، زەمبىرەكلەرگە سېلىپ ئاتىدىغان زەھەرلىك نەرسە.
<ئوق> مىلتىق، تاپانچىلاردىن ئېتىلىدۇ.
<سىنارەد> زەمبىرەك ئوقى.
ئاتقان ئوق - چىققان كۆز. ئاتقان ئوقنىڭ ھەممىسىنىڭ نىشانغا تېگىشى ناتايىن. سىنارەد توپلاشقانغا ئاسان تېگىدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ھەسسە، ئۈلۈش.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئوق.
1 - 52
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئوق؛ ئۇۋۇق.
ئەۋ ئوقى _ ئوينىڭ تىرەك ياغىچى. ئوق يىلەن _ ئوق يىلان، ئادەمگە ئېتىلىدىغان يىلان.
1 - 52
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئوق،ئۈنچە، ئۇلۇش، ھەسسە.
يەر ۋە باشقا مۈلۈك تەقسىماتىدا تېگىدىغان ئۈلۈش.
1 - 52
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى