Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئونيو قۇلۇلىسى
بىئولوگىيە
蛛蜂
zhūfēng
كلاپان ژابرالىقلار سىنىپىنىڭ، ئونيولار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئىككى قاپچۇقى تەڭ، ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك، قاپچۇق چوققىسى دۈمبە قىسمىنىڭ سەل ئالدىدا، قورساق گىرۋىكى سەل تۈز، ئىككى قاپچۇقىنىڭ دۈمبە تەرىپىدىكى بىرىكىش جايىد سىڭىردىن باشقا يەنە بىرىكىش چىشلىرى بولىدۇ، قاپچۇقلىرى بىرىكىپ يېپىلغاندا ئوڭ - سول ئىككى قاپچۇقىنىڭ چىشلىرى ئۆزئارا كىرىشىدۇ. قاپچۇقى قېلىن، گەرچە سىرتقى يۈزىدە كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش سىزىقلىرى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا خېلى سىلىق، قاپچۇق پوستى يېشىل قوڭۇردىن قارا رەڭگىچە، چوققا قىسمىدىكى پوستى كۆپىنچە چىرىپ سويۇلۇ كەتكەچكە، ئاق داغ سىزىقچىلىرى ئېچىلىپ قالغان. تاتلىق سۇلارغا كەڭ تارقىلىپ ياشايدۇ، گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، دۇگلاسسىيە سەدىپى (V.douglasiae)قاتارلىقلار.