Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئون يەتتىنچى ئۆكتەبر خىتابنامىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخىچار پادىشاھ نىكولايⅡ
1905 - يىلى 10- ئايدا پۈتۈن روسىيىدە سىياسىي ئىش تاشلاش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن مەزگىلدە ئېلان قىلغان خىتابنامە. بۇنى ۋىتتې تەييارلىغان، ئۇنىڭدا پۇقرالارغا ئېتىقاد ئەركىنلىكى، سۆز - پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى ۋە يىغىن ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكىنى بەخش قىلىش، دۆلەت دوماسى قۇرۇش ھەمدە ھەرقايسى تەبىقە ئاھالىلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىش، سىياسىي مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىش دەپ جاكارلانغان. ئىنقىلابىي كۈچلەر بىلەن ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەر ۋاقتىنچە باراۋەر ھالەتتە تۇرغان شارائىتتا، چار پادىشاھ مۇشۇنىڭ بىلەن ئاممىنى ئالداپ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈچ توپلاپ، ئىش تاشلاشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىنقىلابنى باستۇرغان. بولشېۋىكلار بۇ خىتابنامىنىڭ ساختىلىقىنى پاش قىلىپ، پرولېتارلارنى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق كۆرۈشكە چاقىرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.