Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
蛹
ئورمانچىلىق,دېھقانچىلىق
yǒng
قورچاقDتېببىي
yǒng
قوچاق (ھاشارات بالىسىنىڭ ھاشارات بولۇپ يېتىلىش ئالدىدىكى ۋاقتى )Dئۇنىۋېرسال
yǒng
پلاتىتسېفالۇس بېلىقى
Dئۇنىۋېرسال
yǒng
قورچاق )ھاشارات لىچىنكىسىنىڭ يېتىلىش ئالدىدىكى مەزگىلى(
قورچاق مەزگىلىدىكى
بىئولوگىيە
قورچاق
مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشاراتلارغا خاس ئالاھىدىلىك بولغان بىر خىل قۇرت ھالىتى. لىچىنكىدىن يېتىلگەن قۇرتقا ئۆتۈش ۋاقتىدا ئوتتۇرا باسقۇچتىكى مورفولوگىيىلىك ھالەت. قورچاق ئوزۇقلانمايدۇ، ھەرىكەتلەنمەيدۇ، ھېچقانداق قاتتىق ۋە سۇيۇق ھالەتتىكى ماددىلارنى چىقىرىۋەتمەيدۇ، قوغدىغۇچى ماددىنىڭ ئىچىدە تىنچ ياتىدۇ، ياكى بىر ئورۇندا يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ، تاشقى دۇنيا بىلەن پەقەت گازلا ئالماشتۇرىدۇ. تېنى ئىچىدە ئەسلىدە بولغان لىچىنكا توقۇلما يېڭى توقۇلما ئورگانلىرى شەكىللىنىدىغان جىددىي ئۆزگىرىش يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولىدۇ. قورچاق ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ؛ (1) ئەركىن قورچاق (ئايرىلما قورچاق، يالىڭاچ قورچاق)، قانات ۋە پۇتلىرى قورچاق تېنىگە يېپىشىپ تۇرماي ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ، مەسىلەن پەردە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھەرىلەر ۋە غىلاپ قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى قوڭغۇزلارنىڭ قورچىقى؛ (2) يېپىنچىلىق قورچاق، قانات ۋە پۇتلىرى قورچاق تېنىنىڭ سىرتقى يۈزىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرىدۇ. ئاسان ئايرىلمايدۇ، تېنى ھەرىكەتلىنەلمەيدۇ، مەسىلەن تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى كېپىنەك، پەرۋانىلەرنىڭ قورچىقى؛ (3) ئورالما قورچاق، بۇنداق قورچاق ئەمەلىيەتتە ئايرىلما قورچاق بولسىمۇ لېكىن قورچاق تېنىنىڭ سىرتىنى ئاخىرقى ستادىئۇملۇق لىچىنكا پوستىنىڭ قاتتىقلىشىشىدىن شەكىللەنگەن قورچاق سېرىقى ئوراپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، قوش قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى چىۋىنلەرنىڭ قورچىقى.