Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار
دائىرە: بىئولوگىيە脊椎动物
jǐzhuīdòngwù
خوردىلىق ھايۋانلارنىڭ بىر كەنجى تىپى. <باشلىق ھايۋانلار> مۇ دېيىلىدۇ. باش قىسمى ئېنىق، بەدىنى ئوڭ - سول سىممېترىك. باش، گەۋدە، كۆكرەك، قۇيرۇق دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ. گەۋدە قىسمىدا جۈپ ئاياغلىق (پۇتلىرى)، يەنى سۇدا ياشايدىغان تۈرلىرىنىڭ كۆكرەك، قورساق پالاقچىلىرى بولىدۇ. قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغانلىرىنىڭ ئالدى پۇت، ئارقا پۇت دېيىلىدۇ. بەدىنى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىنىڭ تۇتىشىشىدىن شەكىللەنگەن ئومۇرتقا تۈۋرۈكى بولىدۇ، شۇڭا شۇنداق نام بېرىلگەن. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بەدىنىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە بولۇپ، سىرتىنى باش سۆڭىكى ۋە ئومۇرتقىلار ئوراپ تۇرىدۇ. يۈرىكى يۈرەك دالانچىسى بىلەن يۈرەك قېرىنچىسىغا ئايرىلغان؛ يۈرىكى قىسقىراش ئارقىلىق، قان ئايلىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ. قان سۇيۇقلۇقىد قىزىل قان دانىچىسى ۋە ئاق قان دانىچىلىرى بولىدۇ. قىزىل قان دانىچىسى يۇمىلاق دىسكىسىمان (قوش ماكانلىقلارنىڭ ئېللىپس شەكلىدە). يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى مۇقىم بولىدۇ. يۇمىلاق ئېغىزلىقلاردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۈستۈنكى - تۆۋەنكى جاۈلار بولۇپ، تۆۋەنكى جاغنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئارقىلىق ئاغزىنى ھىملاش ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئاددىي بۆرەك نەيچىسىنىڭ ئورنىنى تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولغان بۆرەك ئېلىپ، چىقىرىۋېتىش سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيىسىنى كۈچەيتكەن. تۇخۇم تۇغۇپ ياكى تۇخۇم تۆرەلمىلىك تۇغۇش ۋە تىرىك تۇغۇش ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ياشاش مۇھىتى مۇرەككەپ، يۇمىلاق ئېغىزلىقلار، بېلىقلار، قوش ماكانلىقلار، يەر باغىرلىغۇچىلار، قۇشلار ۋە ئېمىتكۈچىلەردىن ئىبارەت ئالتە سىنىپقا بۆلۈنىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ئىۋوليوتسىيىلىك ئورنى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر چوڭ تۈركۈم بولغاچقا يەنە ھايۋاناتلار دۇنياسىدىمۇ ئەڭ ئىلغار (يۇقىرى دەرىجىلىك) تۈركۈم بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئورنى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئۆزلىرىنى چۈشىنىشى ۋە بىلىشى ئۈچۈنمۇ نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
دائىرە: ئۇنىۋېرسالjǐ zhuī dòng wù
脊椎动物
دائىرە: ئۇنىۋېرسال脊椎动物
jǐ zhuī dòng wù
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.