Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئومورى فۇساكچى
دۇنيا تارىخى
(1868 - 1923). ياپونىيىلىك سېيسمولوگ (يەر تەۋرەشنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم). لىشۆ دوكتورى، ئىمپېرىيە داشۆسى فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، 1894 - يىلى گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىدە ئوقۇغان. 1897 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ ئىشلىگەن. 1906 - يىلى ئىمپېرىيە باكالاۋرلار يۇرتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1917 - يىلى يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تەكشۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. يەر تەۋرەشنى ئۆلچىگۈچى ئەسۋانى لايىھىلىگەن. يەر تەۋرەش زوناسىنى بايقىغان <ئومورى فورمۇلىسى> (دەسلەپكى يېنىك يەر تەۋرەش بىلەن تەۋرەش مەنبەسى ئارىلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى) نى ئوتتۇرىغا قويغان، يانار تاغنى كۆزىتىپ، ياپونىيىنىڭ يەر تەۋرەشكە ئائىت تارىخىي ماتېرىياللىرىنى تەھرىرلەپ، ياپونىيىنىڭ يەر تەۋرەش ئىلمى ۋە يانار تاغ ئىلمى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر 100 پارچىدىن ئوشۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. <يەر تەۋرەش ئېلىمى ھەققىدە لېكسىيە>، <ياپونىيىدىكى يانار تاغ تەزكىرىسى> قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.