Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوللوئا مەخپىي دوكلاتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى乌略亚秘密报告
wū luè yà mì mì bào gào
<ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ مەخپىي ئاخباراتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1736 - 1744 - يىللىرى ئىسپانىيىلك ئالىم ۋە دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى ئوللوئا (1716 - 1795) پىرو باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلارنىڭ ئەينى ئەھۋالىنى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئىسپانىيە كورۇلىغا يوللىنىدىغان مەخپىي دوكلاتنى يېزىپ چىققان. دوكلاتتا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئەمەلدارلىرى ۋە دىنىي ئەمەلدارلارنىڭ ئىندىئانلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئەھۋالى ۋە يېرىم ئارالدىك كىشىلەر بىلەن يەرلىك ئاق تەنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تەپسىلي بايان قىلىنىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكە ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى ۋە مونوپول قىلىشى جەنۇبىي ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاۋاتقان سەۋەب ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. 1748 - يىلى دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئېتىبارغا ئېلىنمىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.