Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوليانوۋ
دۇنيا تارىخى
(1866 - 1887) روسىيىدىكى چار روسىيە تۈزۈمىگە قارشى جەڭچى. لېنىننىڭ چوڭ ئاكىسى. 1883 - يىلى پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەندىن كېيىن، ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى باشلىغان. ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخپىي تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، ماركسىزم ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئىشچىلار ئارىسىدا ئىنقىلابىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. 1886 - يىلى نارودنىكلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. ئىككىنچى يىلى 3 - ئايدا چار روسىيە پادىشاھى ئالېكساندر Ⅲ نى ئۆلتۈرۈشكە قاتنىشىپ قولغا ئېلىنغان ۋە 5 - ئايدا دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.