Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئولگېرد
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1377)، لىتۋا كىنەزى (1345 - 1377). گېدىمىننىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە دادىسىنىڭ روسىيىگە زېمىن كېڭەيمىچىلىكى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، كيېۋ، چېرنىگوۋ - شىۋىرسىك رايونىنى، ۋولىن رايونىنىڭ كۆپ قىسمىنى قوشۇۋېلىپ، زېمىنى كەڭ لىتۋا كىنەزلىكىنى تەدرىجىي قۇرۇپ چىققان. 1368، 1370، 1372 - يىللىرى تېۋېر كىنەزلىكى بىلەن بىرلىشىپ، موسكۋا كىنەزلىكىگە ئۈچ قېتىم بېسىپ كىرىپ، موسكۋاغا ھۇجۇم قىلغان. ئىككىنچى قېتىم بېسىپ كىرگەندە موسكۋانى ئون كېچە - كۈندۈز قامال قىلىپ ئالالماي، سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ چېكىنىپ چىققان؛ موسكۋاغا ئۈچىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلغاندا، ئالدىنقى قىسمى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ۋەزىيەت پايدىسىز بولغانلىقتىن يول قويۇشقا مەجبور بولۇپ، موسكۋا كىنەزى دمىترى ئىۋانوۋىچنىڭ موسكۋا كىنەزلىكى بىلەن تېۋېر كىنەزلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئارىلاشماسلىق توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ دۆلىتىگە قايتقان.