Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئو كوننور
دۇنيا تارىخى
(1794 - 1855)، ئەنگلىيە ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىنىڭ داھىيىلىرىدىن بىرى. ئەسلى يۇرتى ئېرلاندىيىدە بولۇپ، ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن باشلاپ ئېرلاندىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1832 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1837 - يىلى <قۇتۇپ يۇلتۇزى> گېزىتىنى چىقىرىپ، پۈتكۈل ھەرىكەتنىڭ تەرەققىياتىنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلغان، ئىشچىلارنىڭ ماقالىلىرىنى باسقان ھەمدە ھەرىكەتنىڭ سىياسەت، تاكتىكىلىرىنى تەشۋىق قىلغان، بۇ گېزىتنىڭ ئىشچىلار ئارىسىدىكى تەسىرى ناھايىتى كەڭ بولغان. كېيىن شىمالدىكى ئاساسىي نىزامچىلار چوڭ ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەرىكەت جەريانىدا ئىشچىلار ئاممىسىغا كۆپ قېتىم نوتۇق سۆزلەپ، ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدا خېلى رول ئوينىغان. زورلۇق ئىنقىلابىنى تەشەببۇس قىلغان، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشچىلارنىڭ يېزىلارغا قايتىپ، بېرىشىنى تەرغىپ قىلغان. 1843 - يىلدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئاساسىي نىزام جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1840، 1843 - يىللىرى ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان. 1847 - يىلى يەنە پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا زورلۇق ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇپ، مۇرەسسەلىشىش ۋە ئىسلاھاتچىلىققا مايىل بولغان. 1855 - يىلى ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا ئۆلگەن.