Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوكاۋا كانېئاكى
دائىرە: دۇنيا تارىخى典川周明
diǎn chuān zhōu míng
(1886 - 1957) ياپونىيە فاشىستىك ھەرىكىتىنىڭ نەزەرىيىچىسى. ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1911 - يىلى توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر كۇرسىنى پۈتتۈرگەن. مانجۇرىيە تۆمۈر يولى شەرقىي ئاسىيا ئىقتىسادىي تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مۇدىرى بولغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەۋجۇدىيەت جەمئىيىتى، يەر - زېمىن جەمئىيىتى، مۇھاربىيە ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنى قۇرغان. ئىچكى جەھەتتە ھەربىي فاشىستىك ئىستىبداتلىقنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. تاشقى جەھەتتە بۈيۈك ئاسىيا مەسلىكىنى تەرغىپ قىلغان. 1931 - يىلى <مارت ۋەقەسى> ۋە <ئۆكتەبر ۋەقەسى> نى پىلانلاشقا قاتناشقان. 1932 - يىلى <15 - ماي ۋەقەسى> تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان. 1937 - يىلى كەچۈرۈم بىلەن تۈرمىدىن چىققان، 1939 - يىلى سىياسىي قانۇن داشۆسىدە چوڭ قۇرۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نېرۋىسىدىن ئاداشقانلىقتىن، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن دوختۇرخانىدا ياتقانلىقتىن ئەيىبلەنمەي كەچۈرۈم قىلىنغان، <ياپونىيىنىڭ 2600 يىللىق تارىخى> دېگەن ئەسىرى بار، كېيىن <ئوكاۋا كانېئاكى ئەسەرلىرى> دىن يەتتە توم نەشر قىلىنغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.