Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوكادا كېسسۇكې
دۇنيا تارىخى
冈田启介
gāng tián qǐ jiè
(1868 - 1952) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1934 - 1936)، دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. فوكۇي ۋاسسالىنىڭ ئوغلى. دېڭىز ئارمىيىسى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى ۋە ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. دېڭىز ئارمىيىسى ۋازارىتى كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ھەربىي كېمە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ھەربىي كېمە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1923 - يىلى دېڭىز ئارمىيىسى مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان. ئىككىنچى يىلى ئادمىراللىققا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە بىرلەشمە فلوت قوماندانى بولغان. 1927 - يىلدىن باشلاپ ئىككى قېتىم دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرى بولغان (1927 - 1929، 1932 - 1933). 1933 - يىلى زاپاس قىسىمغا قويۇلغان. 1934 - يىلى 7 - ئايدا كابىنېت تەشكىللىگەن ھەمدە قوشۇمچە تەرەققىيات مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1936 - يىلى 26 - فېۋرال ۋەقەسى مەزگىلىدە، باش مىنىستىر سارىيى توپىلاڭچى ئارمىيىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ئۇقۇشماسلىقتىن ئۆلتۈرۈلدى دېگەن گەپ تارقىلىپ، 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئىستېپا بەرگەن. ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، قارشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن توجو كابىنېتىغا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ <ئەسلىمىلەر> دېگەن ئەسىرى بار.