Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئويماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
شاخىنەك.
ئويۇندىن ئويماق چىقار (ماقال). * ئورغاق تۇتقان ئاتاڭ بىلەن قالغۇچە، ئويماق تۇتقان ئاناڭ بىلەن قال (ماقال). * ئۇنىڭ ئويماقتەك ئاغزىدىن بىر سۆيسەم كاشكى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
(«ئوي Ⅲ » نىڭ ھەرىكەتنامى).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا قول ياكى قورال بىلەن ئىشلەپ، بىر قىسمىنى ئېلىۋەتمەك، ياكى كۆمۈپ قويغان نەرسىنى ئالماق.
«چاچماق» كۆپرەك ئېرىق - ئۆستەڭ قېزىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
«ئويماق» ئاستىدىن قومۇرۇۋالماققا قارىتىلىدۇ.
سۇنىڭ قەدىرىنى قۇدۇق قازغان بىلەر. بىلىملىك ئويلاپ تاپار، بىلىمسىز كولاپ. كولىغانسېرى چوڭىيىدۇ، كۆمگەنسېرى كىچىكلەيدۇ. ئۆستەڭ چاپساڭ، تىرەن چاپ. كۆرەلمەسنىڭ كۆزىنى ئوي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بارماققا تېقىۋېلىپ، يىڭنىگە تىركەك قىلىنىدىغان سايمان.
تىغسىز ئەر بولماس، ئويماقسىز خوتۇن. شاخىنىكىڭ قولۇڭغا دەل بولسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خۇرۇم ياكى مېتالدىن ياسالغان، بارماققا كىيىپ يىڭنىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئىتتىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم.
ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كولاپ چوڭقۇر ھاسىل قىلماق، ئويمان ھالاتكە كەلتۈرمەك.
ئۇلارنىڭ ئۆيى ئالتۇنلۇقتىكى يارلىققا ئويۇپ ياسالغان گەمىلەرنىڭ بىرىدە ئىدى.
كۆچمە. كولاش، يۇنۇش ياكى كېسىش يولى بىلەن بىرەر نەرسىنىڭ يۈزىگە بىرەر ئىز ياكى شەكىل چىقارماق.
تامغا ئويماق. نەقىش ئويماق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئويماق، تەشمەك، چوڭقۇر كولىماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئوينىماق