Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوياما ئىۋا
دۇنيا تارىخى
大山岩
dà shān yán
(1842 - 1916) ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مارشالى. سامۇ ۋاسساللىقىدىكى سامۇرايلىقتىن كېلىپ چىققان. پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ، چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقۇچى. ۋۇچىن ئۇرۇشى (بېلىق يىلى) ۋاقتىدا سامۇ ۋاسساللىق توپچىق قىسمىنىڭ باشلىقى بولغان. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئىككى قېتىم فرانسىيىگە بېرىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەنگەن. 1878 - يىلى مەسلىھەتچىلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1880 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋەزىرى بولغان. 1882 - يىلى قوشۇمچە مەسلىھەتچىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1884 - يىلى ياۋروپا ئەللىرىگە بېرىپ، ئارمىيە تۈزۈلمىسىنى تەكشۈرۈپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئارمىيە تۈزۈلمىسىنى پائال ئىسلاھ قىلغان. 1885 - يىلىدىن باشلاپ، ئالتە قېتىم قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان (1885 - 1896). جۇڭگو - ياپونىيە جاۋۇ ئۇرۇشى مەزگىلدە 2 - جۈننىڭ قوماندانى بولۇپ، قىسىملارنى باشلاپ، خۇايۇەنكۇ دېگەن يەردە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، داليەن، لۇشۇنلرنى ئىشغال قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنى قىرغان. ئۇرۇشتىن كېيىن مارشاللىققا ئۆسۈپ، باش سەنمۇجاڭ (1899 - 1904) بولغان. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلدە، مانجۇرىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ياپون ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدا روسىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا قوماندانلىق قىلغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاقساقال (1912 - يىلى)، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1914 - 1916 - يىللاردا) بولغان.