ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئانىنىڭ ۋە مالنىڭ يېڭى تۇغقان چېغىدىكى سۈتى.
ئوغۇز سۈتى.* ئوغۇزىغا قانمىغان بىچارە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تۈركىي خەلقلىرىنىڭ قەدىمكى قەبىلىرىدىكى بىرىنىڭ نامى.
ئوغۇزخان. * ئوغۇزچە.
دائىرە: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىباش سۈت، ئوغۇز سۈتى.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئوغۇز.
تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى. ئوغۇزلار تۈركمەنلەردۇر. ئۇلار يىگىرمە ئىككى ئۇرۇق بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار. ئۇلار بىر - بىرىنىڭ مېلىنى شۇ تامغىلارغا قاراپ تونۇيدۇ.
بىرىنچىسى ۋە يېتەكچىسى : قىنىق _ قىنىق. زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى شۇلاردىندۇر.
ئىككىنچىسى: قايىغ _ قايىغ.
ئۈچىنچىسى : بايۇندۇر _ بايۇندۇر.
تۆتىنچىسى: ئىۋا _ ئىۋا. ئۇلار «يىۋا _ يىۋا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بەشىنىچىسى: سالغۇر _ سالغۇر.
ئالتىنچىسى: ئافشار _ ئافشار.
يەتتىنچىسى: بەكتىلى _ بەكتىلى.
سەككىزىنچىسى: بۇگدۈز _ بۇگدۈر.
توققۇزىچىسى: بايات _ بايات.
ئونىنچىسى: يازغۇر _ يازغىر. ئ
ئون بىرىنچىسى: ئەيمۇر _ ئەيمۇر.
ئون ئىككىنچىسى: قارا بۆلۈك _ قارا بولۇك.
ئون ئۈچىنچىسى: ئالقا بولۇڭ _ ئالقا بولۇك.
ئون تۆرتىنچىسى: ئىگدىر _ ئىگدىر،
ئون بەشىنچىسى: ئۇرەگىر _ئۇرەگىر. بۇلار « يۇرەگىر_ يۇرەگىر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئون ئالتىنچىسى: تۇتىرقا _ تۇتىرقا.
ئون يەتتىنچى: ئۇلايۇندلۇغ.
ئون سەككىزىنچىسى: تۇگەر _ تۇگەر. بۇ سۆز بەزىدە «_ ۋاۋ» ھەرپى تاشلىنىپ، «» شەكلىدىمۇ يېزىلىدۇ.
ئون توققۇزىنچىسى: پەچەنەك _ پەچەنەك.
يىگىرمىنچىسى: چۇۋۇلدار _ چۇۋۇلدار.
يىگىرمە بىرىنچىسى: چەبنى _ چەبنى.
يىگىرمە ئىككىنچىسى: چارۇقۇلۇغ _ چارۇقلۇغ.
مەھمۇت ئېيتىدۇكى، كىشىلەر بۇ قەبىلىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى بىلىشكە مۇھتاج بولغاچقا، مەن ئۇلارنى بىرمۇ - بىر يېزىپ چىقتىم. بۇ تامغىلار ئۇلانىڭ ئات - ئۇلاق ۋە ماللىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئارىلىشىپ كەتسە، شۇ بەلگىلەرگە قاراپ تونۇۋالىدۇ.
يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەنلىرىم ئوغۇزلارنىڭ تۈپ ئۇرۇقلىرىدۇر. بۇ ئۇرۇقلارنىڭ يەنە بىر مۇنچە ئايماقلىرى بار. گەپنى قىسقا قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئېيتىپ ئولتۇرمىدىم. بۇ ئېيتىلغان ئۇرۇقلارنىڭ نامىلىرى ئۇلارنى قۇرغان ئەڭ قەدىمقى بوۋىلىرىنىڭ ئىسىملىرىدۇر. ئەرەپلەردە (سەلىم ئوغۇللىرى)، (خەفاجە ئوغۇللىرى) دەپ يۇرگۈزۈلگىنىدەك، ئۇلارمۇ ئۆز ناملىرىنى قەدىمقى ئاتا - بوۋىلىرىغا قاراپ شۇنداق يۈرگىزىدۇ.
1 - 77~80
دائىرە: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىخس ئىسىم
دائىرە: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى