Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوغرۇلدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سۆڭۈك ئوغرۇلدى _ سۆڭەك (ئۈگە - ئۈگىسىدىن) ئاجرالدى ( ئوغرۇلۇر _ ئوغرۇلماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
بالچىق بالىق يۇغرۇلۇر
چىغاي ياۋۇز يىغرىلۇر
ئەرڭەكلەرى ئوغرۇلۇر
ئوزغۇچ بىلە ئەۋرىشۈر
{لاي - پاتقاقلار يۇغۇرۇلار،
يوقسۇل - يوپۇن دۈگدىيەر،
بارماقلىرى ئۇيۇشار،
كىچىككىنە چوغ بىلەن ھەپىلىشەر.}
ياز بىلەن قىشنىڭ مۇنازىرىسىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېيىلىدۇ: لاي - پاتقاقلار يۇغۇرۇلۇپ، ئۇيۇپ كېتىدۇ، يوقسۇل - يوپۇنلار دۈگدىيىپ، تۈگۈلۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بارماقلىرى قورۇلۇپ، قوۋۇشماي قالىدۇ _ دە، بىرەر پارچە چوغ بىلەن سۆيۈنۈپ كېتىدۇ.
1 - 329