Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوغرىلىق جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
盗窃罪
dào qiè zuì
بۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە ئومۇمنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى كۆپرەك ياكى كۆپ قېتىم خۇپىيانە ئوغرىلىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل - ماللىرىنى خۇپىيانە ئوغرىلىغان ياكى كۆپ قېتىم ئوغرىلىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى يېشى 16 گە توشقان جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئادەملەر بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاستە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى تولۇقسىز ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
264 - ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنىڭ كۆپرەك ياكى كۆپ قېتىم ئوغرىلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن ئوغرىلىغان سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلار؛
(2) قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشى ئېغىر بولغانلار.
265 - مادد پايدا تېپىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ خەۋەرلىشىش لىنىيىسىنى ئوغرىلىقچە ئۇلىۋالغان، تېلېگراف نومۇرىنى تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغانلار ياكى ئوغرىلىقچە ئۇلىۋالغان، تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغان تېلېگراف ئۈسكۈنە، ئەسلىھەسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلەتكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
210 - ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ۋە توغرىلاپ چىقرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ئوغرىلىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
269 - ماددا ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، تارتىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەردىن ھارام مالنى يوشۇرۇش، تۇتۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىش ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن نەق مەيداندا زورلۇق ئىشلەتكەن ياكى زورلۇق بىلەن تەھدىت سالغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
196 - ماددا 3 - تارماق كرېدىت كارتوچكىسىنى ئوغرىلىغان ۋە ئىشلەتكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
253 - ماددا پوچتا خادىملىرىدىن پوچتا يوللانمىىرىنى ۋە تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئاچقان ياكى تىقىۋالغان، يىرتىپ تاشلىۋەتكەنلەرگە ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى، پۇل - مال ئوغرىلىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇلاش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، دۆلەت سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
(1998 - يىل 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
بۇ بەلگىلىمە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇلاش جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇلىغان جىنايەتچىلەرنىڭ ھارام مالنى سېتىش يوللىرىنى ئېتىش، دۆلەت، كوللېكتىپنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق مال - مۈلكىنى قوغداش مەقسىتىدە، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى> (تۆۋەندە <جىنايى ئىشلار قانۇنى> دېيىلىدۇ)، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> (تۆۋەندە <جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> دېيىلىدۇ) ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن چىقىرىلدى.
1. ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇلاش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەمدە ئورۇن ۋە شەخس ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 277 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
2. ئوغرىلىغان، بۇلىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋالغان ياكى سېتىپ بەرگەنلەرگە <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 312 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئوغرىلىغان، بۇلىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ چۇۋۇغان، ئۆزگەرتكەن، قۇراشتۇرغان، رەنىگە قويغان، ھايىنىغا ساتقانلارغا يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋالغان ياكى سېتىپ بەرگەنلەر قاتارىدا <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 312 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
3. دۆلەت بېكىتكەن ئاپتوموبىل سودا بازىرى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىجارەت كارخانىسى (جۈملىدىن رەنىخانا، كىمئارتۇق سودىسى ئورنى) ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رېمونت قىلغۇچى، زاپچاسلىرىنى ساتقۇچى كارخانىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ياكى باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىدىن ئوغرىلىغان، بۇلىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، چۇۋۇغان، ئۆزگەرتكەن، قۇراشتۇرغان، سېتىۋالغانلارغا ياكى سېتىپ بەرگەنلەرگە <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 312 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئورۇنلاردىن يۇقىرىقى قىلمىشلارنى ئۇيۇشتۇرغانلىرىغا سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى چارە كۆرىدۇ.
4. مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 2 - ۋە 3 - ماددىسىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلاردىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇلىغان جىنايەتچىلەر بىلەن ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوغرىلىق جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
5. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسىنى دۆلەت بېكىتكەن سودا بازىرىدا ياكى قانۇنلۇق تىجارەت كارخانىسىدا قىلىش، ئۇلارنىڭ سودا دوكۇمېنتىنى سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تەكشۈرۈپ تامغا باسقاندىن كېيىن تىزىملاش ياكى نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىش شەرت، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسىنى ئاستىرتتىن قىلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ، بۇنى سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ھارام ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغانلارغا ھارام مال سېتىۋېلىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ياكى باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىدىن ھارام ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغانلىرىغا ھارام مال سېتىۋېلىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ھارام ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقۇچى، سېتىۋالغۇچىلارنى تونۇشتۇرغانلار ھارام مال سېتىۋېلىش، سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
6. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تالونلىرىنى قانۇنسىز ساتقانلارغا ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تالونلىرىنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياسىغانلار ياكى شۇنداق تالونلارنى ساتقانلارغا <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 209 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
7. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىرىلىنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى ۋە نوپۇسقا ئالغۇزۇش، نوپۇسنى يۆتكەش، تەكشۈرتۈشكە ئائىت ئىسپات - ھۆججەتلەرنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتكەن، سېتىۋەتكەن، ئېلىپ - ساتقانلارغا <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 280 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
8. جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى، سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ، ھارام ئاپتوموبىلنى نوپۇسقا ئېلىپ، نوپۇسنى يۆتكەپ، تەكشۈرۈپ بېرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىگە <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 385 - ماددىسى، 386 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
9. جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى، سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى خادىملىرى ياكى باشقا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ھارام ئاپتوموبىلنى نوپۇسقا ئالغان، نوپۇسنى يۆتكەپ بەرگەن ۋە تەكشۈرۈپ بەرگەنلەرگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جامائەت مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 397 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
10. جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىدىن ئوغرىلاپ، بۇلاپ كېلىنگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە قانۇنسىز ھالدا نومۇر تاختىسى، كىنىشكە بېرىپ ياكى ئۇلارنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكە ئېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىپ، جىنايەتچىلەرنىڭ جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا ياردەملەشكەنلىرىگە <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 417 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
11. جىنايەتچى ئوغرىلىغان، بۇلىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋە ئۇنى سېتىپ تاپقان پۇلىنى <جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 417 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىۋېلىش لازىم.
12. ھارام ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغانلارنىڭ ئاپتوموبىلىنى سۈرۈشتۈرۈپ ھەقسىز ئېلىۋېلىش كېرەك؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا سېتىۋالغان ئاپتوموبىللاردىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھارام ئاپتوموبىل ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى <جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> نىڭ 110 - ماددىسى ۋە 114 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىۋالسا ۋە تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. ھارام ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى بىلمەي سېتىۋالغانلىرى دېلو ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سېتىۋالغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
13. ھارام ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغاندىن كېيىن قانۇنسىز بېجىرىلگەن نوپۇسقا ئېلىش، نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتى ياكى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان نوپۇسقا ئېلىش، نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتىنى ئىشلىتىپ ھارام ئاپتوموبىلنى نوپۇسقا ئالدۇرۇۋالغان، ئۇنىڭ نوپۇسىنى يۆتكىۋالغانلارنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش ھەمدە ئاپتوموبىلنى سۈرۈشتۈرۈپ ھەقسىز ئېلىۋېلىش لازىم؛ نوپۇسقا ئېلىنغان، نوپۇسى يۆتكەلگەن ئاپتوموبىلنى سېتىۋەتكەنلەرنىڭ تاپاۋىتى سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىۋېلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئىقتىسادىي زىيان تۆلىتىلىدۇ.
14. جىنايەتچىدىن بىۋاستە سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىۋېلىنغان ئوغرىلاپ، بۇلاپ كېلىنگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ئىگىسىگە قانۇن بويىچە ئالدىن قايتۇرۇپ بېرىلىپ، تىزىمى، سۈرىتى ۋە باشقا دەلىل - ئىسپاتلار دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە بولىدۇ. ئىگىسىگە قايتۇرۇشتىن بۇرۇن ھارام مالنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئىشلىتىۋېلىشقا، بۇزۇۋېتىشكە ياكى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.
15. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇلاش دېلولىرىنى دېلو يۈز بەرگەن جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدۇ، ھارام ئاپتوموبىل بېرىپ قالغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ماسلىشىشى كېرەك. رايون ئاتلاپ نۇرغۇن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئوغرىلاش، بۇلاش دېلولىرىنى دەسلەپتە قوبۇل قىلغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئاساسىي جىنايەت سادىر بولغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلىسە ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشنى بېكىتسە بولىدۇ.
16. جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تۇتۇپ قالغان ياكى باشقۇرغۇچى ئورۇنغا ھەمكارلىشىپ قايتۇرۇۋالغان ئوغرىلانغان، بۇلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك، ھەرقانداق باھانە بىلەن ئېلىپ قىلىشقا ياكى ھەق تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. ئارقىغا سۆرەپ تاپشۇرمىسا، شۇ ئورۇن رەھبىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
17. بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان <بىلىپ تۇرۇش> بىلىشنى ياكى بىلىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىلىشكە تېگىشلىك دەپ قارالسا بولىدۇ، ئەمما، ھەقىقەتەن ئالدانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، دەلىل - ئىسپات بولغانلىرى:
(1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قانۇنسىز بىرژىسىدىن ۋە قانۇنسىز ساتقۇچى ئورۇندىن سېتىۋالغان بولسا؛
(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ گۇۋاھنامە، رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىسا ياكى ئۇ بەلگىلىمىگە روشەن خىلاپ بولسا؛
(3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ماتور نومۇرى ياكى رام نومۇرىنى ئالماشتۇرغانلىق ئىزى بولۇپ، قانۇنلۇق ئىسپاتى بولمىسا؛
(4) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بازا باھاسىدىن روشەن تۆۋەن باھادا سېتىۋالغان بولسا.
18. بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىگىلىۋېلىش، تارتىۋېلىش، ئالداپ ئېلىۋېلىش دېلولىرى مۇشۇ بەلگىلىمىدىكى پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تېخى ئاياغلاشتۇرۇلمىغان دېلولاردا بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تېلېگراف بازارلىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش دېلوسىنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى)
7 - ماددا تېلېگراف كارتوچكىسىنى قانۇنسىز ھالدا قىممەتنى تولۇقلاپ ئىشلەتكەندىن كېيىن، تېلېگراف ھەققى زىيىنى سوممىسى بىلەن ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئوغرىلىق جىنايىتى قاتارىدا جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
8 - ماددا باشقىلارنىڭ جامائەت ئۇچۇرى تۈرىدىكى تور نومۇرىنى، مەخپىي سېفىرىنى تورغا كىرگۈزۈشتىن ئوغرىلىقچە پايدىلىنىپ، تېلېگراف ھەققى زىيىنى سوممىسىنى كۆپرەك ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئوغرىلىق جىنايىتى قاتارىدا جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوغرىلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1998 - يىل 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى)
س ئى[1998] 4 - نومۇرلۇق
ئوغرىلىق جىنايى ھەرىكىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئوغرىلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىلدى:
1 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل - مېلىنى يوشۇرۇن ئېلىۋېلىش ياكى جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىنى كۆپ قېتىم ئوغرىلاش قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
(1) ئوغرىلىق مىقدارى قىلمىش سادىر قىلغۇچى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنىڭ مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ.
(2) ئوغرىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولسىمۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنى، مەسىلەن، مىقدارى ناھايىتى كۆپ پۇل - مال ياكى دۆلەتنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارلىقلارنى ئوغرىلىق نىشانى قىلغانلارنى جىنايەت بېكتىپ جازالاش كېرەك.
(3) ئوغرىلىغان جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر گازى، تەبىئىي گاز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(4) ئۆز ئائىلىسىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئوغرىلىغانلار ئادەتتە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا بولىدۇ؛ ھەقىقەتەن جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى جازالىغاندىمۇ جەمئىيەتتە دېلو سادىر قىلغانلاردىن بىر ئاز پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
2 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 265 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <پايدا تېپىش مەقسىتىدە> سېتىش، ئىجارىگە بېرىش، ئۆزى ئىشلىتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى كۆزلەش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددا ئوغرىلىغان جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىنىڭ <مىقدارى كۆپرەك>، <مىقدارى ناھايىتى كۆپ>، <مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ> دېگەنلەرنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:
(1) شەخسىي ئوغرىلىغان جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىنىڭ قىممىتى خەلق پۇلى ھېسابىدا 500 يۈەن - 2000 يۈەندىن يۇقىرى بولسا، <مىقدارى كۆپرەك> ھېسابلىنىدۇ.
(2) شەخسىي ئوغرىلىغان جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىنىڭ قىممىتى خەلق پۇلى ھېسابىدا 5000 مىڭ يۈەن - 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، <مىقدارى ناھايىتى كۆپ> ھېسابلىنىدۇ.
(3) شەخسىي ئوغرىلىغان جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىنىڭ قىممىتى خەلق پۇلى ھېسابىدا 30 مىڭ يۈەن - 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، <مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ> ھېسابلىنىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەمدە جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مىقدارى دائىرىسىدە، شۇ جايدا ئىجرا قىلىنىدىغان <مىقدارى كۆپرەك>، <مىقدارى ناھايىتى كۆپ>، <مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ> دېگەنلەرنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ.
4 - ماددا بىر يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلغان ياكى ئاممىۋى سورۇندا يانچۇقچىلىق قىلغانلارنى <كۆپ قېتىم ئوغرىلىق قىلغان> دەپ بېكىتىپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جازالاش كېرەك.
5 - ماددا ئوغرىلانغان مالنىڭ مىقدارى تۆۋەندىكى ئۇسول بويىچە ھېسابلىنىدۇ:
1. ئوغرىلانغان مالنىڭ باھاسىنى شۇ مال باھاسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىسپاتىغا ئاساسەن بېكىتىش كېرەك. بېكىتكىلى بولمىسا، ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، دېلو سادىر بولغان ۋاقىتتىكى، جايدىكى ئوخاش مالىنىڭ باھاسىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى باھا قويۇش ئۇسۇلىغان بىنائەن، خەلق پۇلى بويىچە ھېسابلاش كېرەك:
(1) ئوبوروت ساھەسىدىكى تاۋارلار بازاردىكى پارچە سېتىش باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ باھاسىنى دۆلەت بېكىتىدىغانلىرى دۆلەت بېكىتكەن باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ دۆلەتنىڭ يېتەكچى باھاسى بويىچە بولىدىغانلىرى يېتەكچى باھانىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
(2) ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى مەھسۇلاتلاردىن تەييار مەھسۇلاتلار مۇشۇ تارماقچىنىڭ (1) سىدە بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ يېرىم تەييار مەھسۇلاتلار تەييار مەھسۇلات باھاسىغا سېلىشتۇرۇپ سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ.
(3) ئورۇنلار ۋە پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ماللىرى پرىنسىپ جەھەتتە سېتىۋالغان باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن دېلو سادىر بولغان چاغدىكى بازار باھاسى سېتىۋالغان چاغدىكى باھاسىدىن يۇقىرى بولسا، شۇ چاغدىكى بازار باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
(4) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قوشۇمچە مەھسۇلاتلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىدىكى ئوخشاش مەھسۇلاتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
چوڭ چارۋىلار سودا بازىرىدىكى ئوخشاش چوڭ چارۋىلارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
(5) ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرى مۇشۇ تارماقچىنىڭ (1) سىدە بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
(6) ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت قاتارلىقلاردىن ياسالغان ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دۆلەت ماگىزىنىنىڭ پارچە سېتىش باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ دۆلەت ماگىزىنىدا ساتمايدىغانلىرى دۆلەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
ئالتۇن، كۈمۈش دۆلەت بېكىتكەن باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
(7) چەت ئەل پۇلى ئوغرىلانغان كۈنىدىكى دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان تاشقى پېرېۋوت سېتىش باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
(8) مۇزېيىدا ساقلانمايدىغان 3 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئادەتتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، جۈملىدىن ئاسار ئەتىقە، قەدىمىي كىتاب - رەسىم قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماگىزىنىدىكى ئادەتتىكى پارچە سېتىش باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ ياكى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
(9) پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ خەۋەرلىشىش لىنىيىسىنى ئوغرىلىقچە ئۇلىۋالغان، تېلېگراف نومۇرىنى تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغانلارنىڭ ئوغرىلىق مىقدارى شۇ جايدىكى پوچتا - تېلېگراف تارماقلىرى بەلگىلەنگەن تېلېفون ئورنىتىش ھەققى، يان تېلېفوننى تورغا كىرگۈزۈش ھەققى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ساتقان ھارام مالىنىڭ مىقدارى تېلېفون ئورنىتىش ھەققى، يان تېلېفوننى تورغا كىرگۈزۈش ھەققىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئوغرىلىق مىقدارى ساتقان ھارام مالىنىڭ مىقدارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ساتقان ھارام يانفون باھا مىقدارى قۇرۇق تېلېفوننىڭ تەننەرخى باھاسى چىقىرىۋېتىلىپ ھېسابلىنىدۇ.
(10) باشقىلارنىڭ خەۋەرلىشىش لىنىيىسىنى ئوغرىلىقچە ئۇلىۋالغان، تېلېگراف نومۇرىنى تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغان تېلېگراف ئۈسكۈنىسى ۋە ئەسلىھەسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئوغرىلىق مىقدارى قانۇنلۇق ئابونىچىلار چىقىم قىلغان تېلېفون ھەققى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئوغرىلىق مىقدارىنى بىۋاستە بېكىتكىلى بولمىسا، قانۇنلۇق ئابونىچىلارنىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىسى ۋە ئەسلىھەسى ئوغرىلىقچە ئۇلىۋېلىنغان، تەقلىد قىلىپ ياسىۋېلىنغاندىن كېيىن ئايدا تاپشۇرغان ھەققىدىن تەقلىد قىلىپ ياسىۋېلىشتىن ئىلگىرى ئالتە ئايلىق ئوتتۇرىچە تېلېفون ھەققى چىقىرىۋېتىلىپ ھېسابلىنىدۇ؛ قانۇنلۇق ئابونىچىلارنىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىسى ۋە ئەسلىھەسىنى ئىشلەتكىنىگە ئالتە ئاي توشمىغان بولسا، ئەمەلىي ئىشلەتكەن ئايلىق ئوتتۇرىچە تېلېفون ھەققى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
(11) باشقىلارنىڭ ئالاقىلىشىش لىنىيىسىنى ئوغرىلىقچە ئۇلىۋالغاندىن كېيىن ئۆزى ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئوغرىلىق مىقدارى مۇشۇ تارماقچىنىڭ (10) سىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ باشقىلارنىڭ تېلېگراف نومۇرىنى تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغاندىن كېيىن ئۆزى ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئوغرىلىق مىقدارى مۇشۇ تارماقچىنىڭ (9)، (10) سىدا بەلگىلەنگەن ئوغرىلىق مىقدارى بويىچە قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2. قىممەتكە ئىگە چىقىم دوكۇمېنتى، قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە - قىممەتكە ئىگە بېلەت - تالونلار تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىنىدۇ:
(1) ئىسمى يېزىلمايدىغان، يوقالغانلىقى مەلۇم قىلىنمايدىغان قىممەتكە ئىگە چىقىم دوكۇمېنتى، قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە، قىممەتكە ئىگە بېلەت - تالونلار ۋاقتىدا نەق پۇلغا ئايرىۋاشلىغىلى بولۇش - بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، يېزىلغان مىقدارى ۋە دېلو سادىر بولغان چاغدا ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئۆسۈم، مۇكاپات پۇلى ياكى مۇكاپات بۇيۇمى قاتارلىق پايدىسى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ. پاي چېكى ئوغرىلانغان كۈنى ئاكسىيە بىرژىسى ئېلان قىلغان شۇ خىل پاي چېكى سودىسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
(3) ئىسمى يېزىلىدىغان قىممەتكە ئىگە چىقىم دوكۇمېنتى، قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە، قىممەتكە ئىگە بېلەت، ئاكسىيە، تالونلارنىڭ قىممىتى بېكىتىلگەن بولسا ھەمدە ئۇنى ۋاقتىدا ئايرىۋاشلىغىلى بولسا، مەسىلەن، قەرەلسىز پۇل چېكى، قەرەلى توشقان قەرەللىك پۇل چېكى ۋە سوممىسى يېزىلغان پۇل چېكى، شۇنداقلا ئىسپات رەسمىيىتى كەتمەيدىغان مال ئېلىش تالونى قاتارلىقلار بولسا، يېزىلغان مىقدارى ۋە دېلو سادىر بولغان چاغدىكى ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئۆسۈمى ياكى ئېلىشقا تېگىشلىك مالىنىڭ قىممىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. قىممىتى بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئايرىۋاشلىنىپ بولۇنغان بولسا، ئەمەلىي ئايرىۋاشلانغان پۇل - مالنىڭ قىممىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ تېخى ئايرىۋاشلانمىغان بولسا، بۇ، جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشتە ئويلىشىپ كۆرۈلسە بولىدۇ.
ۋاقتىدا ئايرىۋاشلىغىلى بولمايدىغان ئىسمى يېزىلىدىغان قىممەتكە ئىگە چىقىم دوكۇمېنتى، قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە، قىممەتكە ئىگە بېلەت - تالون ياكى ۋاقتىدا ئايرىۋاشلىغىلى بولىدىغان قىممەتكە ئىگە چىقىم دوكۇمېنتى، قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە، قىممەتكە ئىگە بېلەت - تالون كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، تاشلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، يوقاتقۇچى يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش، تولۇقلاپ ئېلىش، رەسمىيەتنى تولۇقلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەمەلىي زىياندىن ساقلىنالايدىغان بولسا، يېزىلغان مىقدارى جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشتە ئۆلچەم قىلىنمايدۇ، لېكىن جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشتە ئويلىشىپ كۆرۈلسە بولىدۇ.
3. پوچتا ماركىسى، خاتىرە پۇل قاتارىق ساقلانما بۇيۇم خاتىرە بۇيۇملار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بېكىتكەن باھاسى بويىچە ھېسابلىندۇ.
4. ئوغرىلانغان ئوخشاش خىلدىكى نۇرغۇن مالنىڭ ئىگىسى ھەر خىل باھادا سېتىۋالغان مالنى ئايرىپ بېرەلىسە، ئۇ ئايرىم ھېسابلىنىدۇ؛ ئايرىپ بېرەلمىسە، شۇ خىل مالىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
5. ئوغرىلانغان مال سېتىۋېلىپ، بۇزۇپ چېچىۋېتىلىپ، تاشلىۋېتىلىپ، بۇزۇۋېتىپ يىغىۋالغىلى بولمىسا ياكى نەچچە قولدىن ئۆتۈپ، دەسلەپكى ھالىتى بۇزۇلغان بولسا، مال ئىگىسى گۇۋاھچىنىڭ بايانى، گۇۋاھلىق سۆزى ۋە تەمىنلىگەن كۈچكە ئىگە دوكۇمېنتى، شۇنداقلا جاۋابكارنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن مۇشۇ ماددىنىڭ (1) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن باھا قويۇش ئۇسۇلى بويىچە ئوغرىلانغان مالنىڭ قىممىتى بېكىتىلىدۇ.
6. مال ئىگىسى ئوغرىلانغان چاغدىكى، جايدىكى بازاردا پارچە سېتىش باھاسىدىن روشەن ھالدا تۆۋەن باھادا سېتىۋالغان مال مۇشۇ ماددىنىڭ (1) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن باھا قويۇش ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
7. سېتىۋېتىلگەن ھارام مال مىقدارى مۇشۇ ئىزاھات بويىچە ھېسابلانغان ئوغرىلىق مىقدارىدىن يۇقىرى بولسا، ئوغرىلىق مىقدارى سېتىۋېتىلگەن ھارام مال مىقدارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
8. مەنئى قىلىنغان بۇيۇمنى ئوغرىلىغانلار ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بولسا، مىقدارى ھېسابلانماي، قىلمىشنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ جازا ئۆلچىنىدۇ.
9. ئوغرىلانغان مالنىڭ باھاسى ئېنىق بولمىسا ياكى باھاسىنى بېكىتىش قىيىن بولسا، دۆلەت پىلان كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ <تۇتۇپ قېلىنغان، سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىۋېلىنغان، مۇسادىرە قىلىنغان مالغا باھا قويۇشنى باشقۇرۇش چارىسى> دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بېكىتىلگەن باھا قويغۇچى ئاپپاراتنىڭ باھا قويۇپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىنىدۇ.
10. ئوغرىلانغان ماللاردىن كونىراپ كەتكەن، كاردىن چىققان ياكى ئىشلىتىلگەنلىرى دېلو سادىر بولغان ۋاقىتتىكى، جايدىكى ئوخشاش خىلدىكى مال باھاسى ۋە ئوغرىلانغان چاغدىكى كاردىن چىققان دەرىجىسى، كونىلىق دەرىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇشۇ نىزامنىڭ (9) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
11. كاردىن چىققان مالنىڭ باھاسى مەسئۇل تارماق بېكىتكەن باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ كېرەكسىز مال ماددىي ئەشيالارنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش تارمىقىنىڭ سېتىۋالغان باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ساختا، ناچار ماللاردىن باھاسى بارلىرى مۇشۇ ماددىنىڭ (9) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەمەلىي باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
12. كۆپ قېتىم ئوغرىلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەردىن قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ياكى ئاخىرقى قېتىملىق ئوغرىلىقىدىن جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، ئالدىنقى قېتىملىق ئوغرىلىقى بىر يىل ئىچىدە بولغان بولسا، ئوغرىلىغان مالنىڭ مىقدارى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.
13. ئوغرىلىق قىلمىشىنىڭ مال ئىگىسىگە كەلتۈرگەن زىيىنى ئوغرىلىق مىقداردىن كۆپ بولسا، زىيان مىقدارى جازا ئۆلچەشتە ئويلىشىپ كۆرۈلسە بولىدۇ.
6 - ماددا ئوغرىلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، ئوغرىلىق جىنايىتىنىڭ دەرىجىسىنى دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىش كېرەك:
1. ئوغرىلىغان جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلى <مىقدارى كۆپرەك> دېگەننىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا يېقىنلىشىپ قالغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلسە بولىدۇ:
(1) ئوغرىلىقتا بۇزغۇنچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكقىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار؛
(2) مېيىپلار، قارانچۇقسىز قېرىلار ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغانلارنىڭ پۇل - مېلىنى ئوغرىلىۋالغانلار؛
(3) ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ياكى باشقا قەبىھ قىلمىشى بولغانلار.
2. جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىنى ئوغرىلىغان <مىقدارى كۆپرەك> دېگەننىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا يەتكەن بولسىمۇ، قىلمىشى يەڭگىل بولغانلار ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ:
(1) 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغانلاردىن دېلو سادىر قىلغانلىرى؛
(2) ھارامنى پۈتۈنلەي قايتۇرغان ۋە تۆلەپ بەرگەنلەر؛
(3) تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلار؛
(4) ئوغرىلىققا تەھدىت ئاستىدا قاتنىشىپ ھارامنى بۆلۈشمىگەنلەر ياكى ھارامغا ئاز ئېرىشكەنلەر؛
(5) باشقا قىلمىشى يەڭگىل بولغانلار، خەۋپى چوڭ بولمىغانلار.
3. ئوغرىلىق مىقدارى <مىقدارى كۆپ> ياكى <مىقدارى ناھايىتى كۆپ> دېگەننىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا يەتكەنلەر ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار <باشقا ئېغىر قىلمىشى> ياكى <باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى> بولغانلار دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ:
(1) جىنايەتچىلەر گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار ياكى بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكزۈگەندە قىلمىشى ئېغىر ئاساسىي جىنايەتچىلەر؛
(2) پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئوغرىلىغانلار؛
(3) ئېقىپ يۈرۈپ جىنايەت سادىر قىلىپ ئېغىر خەۋپ تۇغدۇرغانلار؛
(4) تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر؛
(5) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈشىنى، روھىي ھالىتىنىڭ نورمالسىزلىقىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
(6) ئاپەتتىن، خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەپىقە بېرىش، نامراتلرنى يۆلەش، ئاھالىنى كۆچۈرۈش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، داۋالاش پۇل - ماللىرىنى ئوغرىلاپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
(7) ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاپ، ئىشلەپچىقىرىشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛
(8) باشقا ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار.
7 - ماددا بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئوغرىلىق جىنايىتى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، جاۋابكارلارنى دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛
(1) جىنايەتچىلەر گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلارنى گۇرۇھىنىڭ ئومۇمىي ئوغرىلىق مىقدارى بويىچە جازالاش لازىم؛
(2) بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن جىنايەتتىكى باشقا ئاساسىي جىنايەتچىلەرنى قاتناشتۇرغان ياكى تەشكىللىگەن، قوماندانلىق قىلغان ئوغرىلىقنىڭ مىقدارى بويىچە جازالاش لازىم؛
(3) بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن جىنايەتتىكى ئەگەشكۈچى جىنايەتچىلەرگە جازا ئۆلچەش دائىرىسىنى ئۇلار قاتناشقان ئوغرىلىقنىڭ مىقدارى بويىچە بېكىتىش ھەمدە ئۇلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 27 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يېنىك جازالاش، يېنىكلىتىپ جازالاش ياكى ئۇلارغا جىنايى جازانى كەچۈرۈم قىلىش لازىم.
8 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئوغرىلاش> پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت مەبلىغى، قىممەتكە ئىگە ئاكسىيىسى ۋە خېرىدارلارنىڭ مەبلىغى قاتارلىقلارنى، مەسىلەن، خېرىدارلارنىڭ ئامانەت پۇلى، زايوم، باشقا پۇل - مېلى، كارخانىنىڭ راسچوت مەبلىغى، پاي چېكىنى ئوغرىلاشنى كۆرسىتىدۇ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ ئىش بۇيۇمى، قاتناش قورالى قاتارلىق پۇل - ماللىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
9 - ماددا دۆلەتنىڭ 3 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئوغرىلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ 2 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئوغرىلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ 1 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئوغرىلىغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
بىر دېلودا 3 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەرخىل دەرىجىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئوغرىلىغانلارغا ئوغرىلىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا جازا ئۆلچەش دائىرىسىدە جازا بېرىلىدۇ؛ بىر دېلودا ئوخشاش دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن ئۈچتىن ئارتۇقىنى ئوغرىلىغانلارغا ئوغرىلىغان بىر نەچچە يۇقىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا جازا ئۆلچەش دائىرىسىدە جازا بېرىلىدۇ.
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغرىلىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار> ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ 1 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئوغرىلىغاندىن كېيىن بۇزۇۋېتىپ، يوقىتىپ قويۇپ، قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشنى، دۆلەتنىڭ 2 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن ئۈچتىن ئارتۇقىنى ياكى دۆلەتنىڭ 1 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن بىردىن ئارتۇقىنى ئوغرىلىغان ھەمدە مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 6 - ماددا 3 - تارماقچىسىنىڭ (1)، (3)، (4)، (8) سىدە بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
10 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنى 196 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغان، كرېدىت كارتوچكىسىنى ئوغرىلىغان ھەمدە ئىشلەتكەنلەرگە ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوغرىلىق مىقدارى قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئوغرىلىغاندىن كېيىنكى ئىشلىتىش مىقدارىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
11 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنى 210 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا، باج پۇلىنى توغرىلاپ تۇتۇپ قېلىشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ئوغرىلىغانلارغا ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئوغرىلىغان يۇقىرىقى تالون مىقدارى 25 پارچىدىن ئاشىدىغان بولسا، <مىقدارى كۆپرەك> دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ مىقدارى 250 پارچىدىن ئاشىدىغان بولسا <مىقدارى ناھايىتى كۆپ> دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ مىقدارى 5002 پارچىدىن ئاشىدىغان بولسا <مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ> دەپ ھېسابلىنىدۇ.
12 - ئوغرىلىق دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن باشقا جىنايەتنىڭ چېگراسىنى ئايرىشقا دىققەت قىلىش كېرەك؛
(1) ئوغرىلىغان رادىئو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەسى، جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەسىنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولمىسىمۇ، جامائەت خەۋپسىزلكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 124 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەسى، جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەسىنى ئوغرىلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوغرىلىق جىنايىتى ۋە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەسى، جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلەرگە بىر ئېغىر جىنايەتنى تاللاپ جازا بېرىلىدۇ.
(2) ئىشلىتىلىۋاتقان ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىنى ئوغرىلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوغرىلىق جىنايىتى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرىگە بۇزغۈنچىلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلەرگە بىر ئېغىر جىنايەتنى تاللاپ جازا بېرىلىدۇ.
(3) باشقا پۇل - ماللارنى ئوغرىلاش ئۈچۈن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاپ جىنايەت قورالى قىلىپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئوغرىلىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قىممىتى ئوغرىلىق مىقدارىغا كىرگۈزۈپ ھېسابلىنىدۇ؛ باشقا جىنايەت سادىر قىلىش ئۈچۈن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلىغانلارغا ئوغرىلىق جىنايىتى ۋە سادىر قىلغان باشقا جىنايىتى بويىچە بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازا بېرىلىدۇ. باشقا جىنايەت سادىر قىلىش سادىر قىلىش ئۈچۈن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلىقچە ھەيدەپ جىنايەت قورالى قىلىپ ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئوغرىلىقچە ھەيدىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئەسلىي جايىغا ئاپىرىپ قويغان ياكى ئەسلىي جايىغا يېقىن ئەتراپقا توختىتىپ قويغانلاردىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يوقىتىۋەتمىگەنلىرىگە سادىر قىلغان جىنايىتىگە ئاساسەن ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
(4) ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلىش، ئويناش مەقسىتىدە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى كۆپ قېتىم ئوغرىلىقچە ھەيدىگەن ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يوقىتىۋەتكەنلەرگە ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ ماتورلۇ قاتناش ۋاسىتىسىنى ئوغرىلىقچە ھەيدەش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ۋە باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى ۋە باشقا جىنايەت بويىچە بىر نەچچە جىنايىتى قوشۇپ جازا بېرىلىدۇ؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئوغرىلىقچە ھەيدەپ، ئۇنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 175 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بىرەر قېتىم ئوغرىلىقچە ھەيدىگەنلەردىن قىلمىشى يېنىكلىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھېسابلانمىسىمۇ بولىدۇ.
(5) ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ؛ يەنە باشقا جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرگەنلەرگە بىر ئېغىر جىنايەتنى تاللاپ ئۇنىڭغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ؛ جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىنى ئوغرىلاپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسىمۇ، بۇزغۇنچىلىق ۋاستىسىنى قوللىنىپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل - مېلىنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا پۇل - مالنى قەستەن بۇزۇۋېتىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئوغرىلىق قىلغاندىن كېيىن جىنايى قىلمىشىنى يوشۇرۇش ياكى ئۆچ ئېلىش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلىپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - مېلىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئوغرىلىق جىنايىتى ۋە شەكىللەندۈرگەن باشقا جىنايىتى بويىچە بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازا بېرىش لازىم.
(6) تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى قاتارلىق سودا مەخپىيىتىنى ئوغرىلىغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 219 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جاز بېرىلىدۇ.
13 - ماددا ئوغرىلىق قىلغان جىنايەتچىلەردىن قانۇن بويىچە جەرىمانە جازاسى بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، ئوغرىلىق مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن قەرىمانە قويۇش لازىم؛ قانۇن بويىچە جەرىمانە جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، ئوغرىلىق سوممىسى مىقدارى بولمىغانلار ياكى ئوغرىلىق مىقدارىنى ھېسابلىغىلى بولمىغانلارغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش كېرەك.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇلاڭچىلىق قىلىش جەريانىدا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلولىرىنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەستىق جاۋابى
(2001 - يىل 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى)
مەزكۇر كىتابنىڭ 288 - بېتىدىكى <بۇلاڭچىلىق جىنايىتى> دىن پايدىلىنىڭ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ تۆمۈريول ترانسپورتى جەريانىدىكى ئوغرىلىق جىنايەتنىڭ مىقدارىنى بېكىتىش ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(1999 - يىل 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى)
ج (1999) 4 - نومۇرلۇق
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىگە، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارەتلىرىگە، ئىدارىلىرىگە، ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي سوت مەھكىمىسىگە، ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىگە:
<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تۆمۈريول ترانسپورتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەھۋالى ۋە ئوغرىلىق دېلولىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۆمۈريول ترانسپورتى جەريانىدىكى ئوغرىلىق جىنايىتى سوممىسىنىڭ مىقدارىنى بېكىتىش ئۆلچىمى توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمە چىقىرىلىدى:
1. ئومۇمنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى ئوغرىلىغان شەخسىيلەردىن <مىقدارى كۆپرەك> بولغانلار دېگەندە، 1000 يۈەن تۆۋەن ئۆلچەم قىلىنىدۇ؛
2. جامائەتنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى ئوغرىلىغان شەخسىيلەردىن <مىقدارى ناھايىتى كۆپ> بولغانلار دېگەندە، 10 مىڭ يۈەن تۆۋەن ئۆلچەم قىلىنىدۇ؛
3. جامائەتنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى ئوغرىلىغان شەخسىيلەردىن <مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ> بولغانلار دېگەندە، 60 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت سوممىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
س (1998) 3 - نومۇرلۇق
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوغرىلىق جىنايەت سوممىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى مۇنداق بەلگىلەندى:
1. شەخس، جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئوغرىلاشنىڭ <سوممىسى كۆپرەك بولۇش> تا، ئەڭ تۆۋەن چەك 500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە بولىدۇ؛
2. شەخس، جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئوغرىلاشنىڭ <سوممىسى كۆپ بولۇش> تا، ئەڭ تۆۋەن چەك 5000 يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ؛
3. شەخس، جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئوغرىلاشنىڭ <سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولۇش> تا، ئەڭ تۆۋەن چەك 30 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارەت (ئىدارە) لىرى ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەمدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇقىرىقى سومما دائىرىسىدە، ئۆز جايىدا ئىجرا قىلىنىدىغان ئوغرىلىق جىنايىتىنىڭ <سوممىسى كۆپرەك بولۇش>، <سوممىسى كۆپ بولۇش>، <سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولۇش> دېگەن كونكرېت سومما ئۆلچىمىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتسە ھەمدە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىگە ئايرىم - ئايرىم يوللاپ ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇلاڭچىلىق دېلوسىنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى)
مەزكۇر كىتابنىڭ 287 - بېتىدىكى <بۇلاڭچىلىق جىنايىتى> دىن پايدىلىنىڭ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى)
9 - ماددا دۆلەت، كوللېكتىپ، باشقىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى كېسىلىپ بولغان دەل - دەرەخنى ئوغرىلاپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، ئوغرىلىقچە باشقىلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينى قالدۇق يەرلىرىگە تىككەن تارقاق دەل - دەرەخلەرنى كەسكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئوغرىلىق جىنايى بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
15 - ماددا قانۇنسىز ئۇرۇق ئېلىش، مايسا ئېلىش، بامبۇك نوتىسى كولاش، يىلتىزىنى ئېلىش، دەرەخ قوۋزىقىنى ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ئېرىشكەن ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە بىر قەدەر ئېغىر جازا بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئوغرىلانغان يانفوننىڭ قىممىتىنى قانداق ھېسابلاش توغرىسىدىكى تەستىقى
(1993 - يىل 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە:
مەھكىمەڭلەرنىڭ ب ت [1992] 191 - نومۇرلۇق <ئوغرىلانغان يانفوننىڭ مىقدارىنى قانداق ھېسابلاش توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراش دوكلاتى> دىن ۋاقىپ بولدۇق. مۇزاكىرە قىلىپ تۆۋەندىكىچە جاۋاب بېرىمىز:
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <ئوغرىلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> ىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئوغرىلىق مىقدارى قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئوغرىلىۋالغان ئومۇمنىڭ، خۇسۇسىيلارنىڭ پۇل - ماللىرىنىڭ مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ.
ئوغرىلانغان يانفوننىڭ قىممىتىنى ھېسابلاشتا، پەقەت ئۇنىڭ ئوغرىلانغان ۋاقىتتىكى ئەمەلىي قىممىتىنى ھېسابلاپ، تورغا كىرگۈزۈش ھەققى، چاستوتىنى ئىگىلەش ھەققى ۋە ئالدىن ئېلىنغان تېلېفون ھەققىلىرىنى ھېسابلىماسلىق كېرەك.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلارنىڭ ئوغرىلىق قىلمىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەستىقى
(1996 - يىل 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى)
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق، جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە:
سىلەرنىڭ ئى ت ت ت [1995] 87 - نومۇرلۇق، س ت ت ج [1995] 17 - نومۇرلۇق <ئورۇنلارنىڭ ئوغرىلىق قىلمىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا يوليورۇق سوراش دوكلات> ىڭلاردىن ۋاقىپ بولدۇق. مۇزاكىرە قىلىپ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئارقىلىق، تۆۋەندىكىدەك تەستىق جاۋاب بېرىمىز:
ئورۇنلار ئوغرىلىق قىلىشقا تەشكىللەپ قولغا كەلتۈرگەن نەرسە - كېرەكنى ئىدارىنىڭ قىلىۋالغان، سانى غايەت زور، تەسىرى قەبىھ بولغان بولسا، بۇنىڭغا بىۋاستە مەسئۇل ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ۋە باشقا ئاساسلىق بىۋاستە جاۋابكارلارنى ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش، ئەيىبلەش كېرەك.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قەستەن زەخىملەندۈرۈش، ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق جەمئىيەت تەرەتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايەتلەرگە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش مەسىلىسىنى قوشۇشقا بولۇش - بولماسلىق توغرىسىدىكى تەستىقى
(1997 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى)
مەزكۇر كىتابنىڭ 206 - بېتىدىكى <قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى> دىن پايدىلىنىڭ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش توغرىسىدىكى قارارى>
(2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى)
4. شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
(3) ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق ۋە قاقتى - سوقتى قىلغانلار.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار خادىملار ئوغرىلىق قىلمىش سادىر قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغان بولسا، بۇنىڭغا قانۇننى قانداق تەتبىقلاش مەسىلىسىگە بەرگەن تەستىق جازاسى
(2002 - يىل 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى) (2002) 5 - نومۇرلۇق
ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئورۇننىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ ئوغرىلىق قىلمىشى سادىر قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇش قىلمىشى ئېغىر بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىۋاستە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
قانۇنشۇناسلىق,جامائەت خەۋپسىزلىكى
窃盗罪
qiè dào zuìDجامائەت خەۋپسىزلىكى
盗窃罪
dào qiè zuìDئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
盗窃罪
dào qiè zuì