Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆزۈم تاپقان بالاغا نەگە باراي دەۋاغا
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا»بۇ ھەركىم ئۆزى تۇغدۇرغان كاشىلا، سەۋەنلىكنىڭ، ھادىسىنىڭ دەردىنى ئۆزى تارتماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ: قولۇم - قوشنىلار مېنى بۇرۇنقىدەكلا گۇمان ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن كۈتۈۋېلىشتى، «ئايلىنىپ يەنە كەپتۇ بۇ ئوغرى» دېگەندەك سۆزلەرنى چالا - پۇلا ئاڭلاپ تۇردۇم. «ئۆزۈم تاپقان بالاغا نەگە باراي دەۋاغا» دېگەندەك، ئۇلاردىن رەنجىشكە ھەققىم يوق ئىدى.