Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويماس
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، نەپسى يامان، تەمەخور ئادەم ئېرىشكەن نەپ - نېسىۋىسى قانچە كۆپ بولسىمۇ، ئىنساپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: - ھەي ئەخمەقلەر، دۇنيادا ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن، نېسىپ بولغان نېمەتكە قانائەت قىلمايدۇ، ئۆزى تويسىمۇ، كۆزى تويمايدۇ. قاچان رىزقى تۇگەپ، ئىككى كۆزىگە توپا تىقىلغاندىن كېيىنلا دۇنياغا تويىدۇ، - دەپتۇ پادىشاھ.