Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۆزىنى تونۇش ماھارىتى
پسىخولوگىيە
自我认知技能
zì wǒ rèn zhī jì néng
بۇ بىلىش پائالىيىتىدىكى ئۆزىنى تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت. يەنى ئۇ ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى بىۋاسىتە تونۇشى بولماستىن، «تونۇشنى تونۇشتۇر». ئۆزىنى تونۇش ماھارىتىنى بەزىلەر «ئىككىنچى تونۇش ماھارىتى» ياكى «باشلانغۇچ تونۇش ماھارىتى» دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇ بىر ئۇقۇم بولۇپ، مائارىپ پسىخولوگىيىسىدە ئىلگىرىلا بار ئىدى. «قانداق ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش» دائىم تەكىتلىنەتتى. ئەمدى ئۇ ئوقۇتۇشنىڭ ئېنىق نىشانلىرىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭ ئۆگەنكۈچىدىن تەلىبى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى دائىم يەكۈنلەپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى بىلىپلا قالماستىن بەلكى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش جەريانىنى بىلىش، مۇلاھىزە قىلىش ئوبيېكتى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچى، يېتەكلىگۈچى ۋە نازارەت قىلغۇچى سۇبيېكت ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالايدىغان بولۇش. مانا بۇ ئۆگىنىشتىكى ئاڭلىقلىق بىلەن ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.
ئۆزىنى تونۇش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: (1) پىلانلاش، مۆلچەرلەش، ئۆز مەشغۇلاتىنىڭ نەتىجىسىنى سىناپ كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ قاچان نېمىنى بىلگەنلىكىنى، نىمىنى بىلمىگەنلىكىنى بىلىش؛ (2) سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى، ئۆزىدىن ھەم باشقىلاردىن سوراپ كۆرۈپ، مەسىلىنى بىلگەن بىلمىگەنلىكىنى ئېنىقلاش؛ (3) جاۋاب بىلەن رېئاللىقنى سېلىشتۇرۇپ، جاۋابنىڭ ئۇيغۇن - ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆزىتىش؛ (4) سوئالنىڭ مەقسەت ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، داۋاملىق ئىشلەشكە ئەرزىش - ئەرزىمەسلىكىنى تەكشۈرۈش؛ (5) ئالاھىدە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق تەدبىرىنى قانداق تاللاش؛ (6) بىر كىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات توغرىسىدىكى بىلىم سەۋىيىسىنى قانداق باھالاش؛ (7) قانداق قىلغاندا تېخىمۇ جىق بىلىم ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقى؛ (8) ۋاقىت بىلەن كۈچنى قانداق پىلانلاپ تەقسىم قىلىش قاتارلىقلار.