Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆزلەشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆز كىشىسى بولۇپ قالماق، ناھايىتى ئىناق، يېقىن بولۇپ كەتمەك.
شائىر دۇكاندارنىڭ سەمىمىي پۇزىتسىيىسىگە قاراپ ئوڭايلا ئۆزلىشىپ قالدى.
يەرلىشىپ قالماق، سىڭىشمەك.
ئۇ ھاردۇقى چىقىپ ئۆزلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
ئېڭىغا كىرمەك، مېڭىسىگە كىرمەك.
دەرس ئۆزلەشمەك.
ئىسلام ۋاسىتىسى بىلەن تىلىمىزغا نۇرغۇنلىغان ئەرەبىي - پارسىي سۆزلەر ئۆزلەشتى.
خۇددى ئۆزىنىڭكىدەك بولۇپ كەتمەك، كەڭ دائىرىدا ئومۇملاشماق، سىڭىشمەق.
گۈلقىزنىڭ ئەسلىي ئېتى گۈلسۈمئاي ئىدى. ئۇ تولىمۇ چىرايلىق بىر بالا بولغىنى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئۇنى <گۈلقىز> دەپ ئەركىلىتىپ، بۇ ئىسىم ئۆزلىشىپ قالغانىدى.
كۈچ قىلماق، قۇۋۋەت بولماق، سىڭمەك.
بەزى تائاملار كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسىمۇ، لېكىن بەدەنگە ئۆزلىشىدىغان قىسمى ئاز، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ.
ئۈنۈمدارلىقى ئېشىپ مۇنبەتلەشمەك، دېھقانچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىقلاشماق (بوز يەر ھەققىدە).
يەر ئۆزلىشىپ قاپتۇ.
ئۈچ يىلدىن بېرى يېزىمىزدا 100 مو بوز يەر ئۆزلەشتى.
تاۋلانماق (يەر ھەققىدە).
باھار ئەتىگىنى، ئوسىسى تازا ئۆزلىشىپ قالغان چوڭ بىر پارچە سالا ئېتىزدا يەنە بىر كۈنلۈك جۇشقۇن ھايات باشلاندى.