Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆتنە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايتۇرۇش شەرتى بىلەن بېرىلگەن - ئېلىنغان نەرسە.
«لاپقۇت» ئىش - ئەمگەك ئۈستىدىكى ئېلىم - بېرىم.
«نېسى» ھەققىنى نەق ئالماي، قەرز قالدۇرۇشقا ئېيتىلىدۇ.
بۆرە قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلەر. قەرزى يوق گاداي شاھزادىن ئازادە. بۇ جاھان - ئۆتنە جاھان. ئاش - ئۆتنە، ئىش - لاپقۇت، ئۆتۈككە ئاپقۇت. شىر چىشىنى ئارىيەت بەرمەس. يېڭىسىنى ئارىيەت ئالغاندىن كونىسىنى يۇغان ئەلا. نېسى ساتقاننىڭ ھالى خاراب، قالىدۇ قۇرۇق دەپتەرگە قاراپ. نېسى يېمە گۆشنى، ئاغرىتىدۇ تۆشنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىر كىمدىن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن ئېلىنىدىغان نەرسە.
- بىر ئاز ئاشلىق ئۆتنە ئالاي دەپ ... - كىچىكئاخۇن سۆزىنىڭ ئاخىرىنى قانداق چۈشۈرۈشنى بىلمەي توختاپ قالدى.