Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۆتكۈزگۈچى ھۈجەيرە
دائىرە: بىئولوگىيە传递细胞
chuándìxìbāo
ئۆسۈملۈكتىكى بىر خىل ئالاھىدىلەشكەن نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرە بولۇپ، قىسقا ئارىلىققا توشۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ خىل ھۈجەيرىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ھۈجەيرە پوستى ئىچىگە قاراپ قاتلىنىپ ئىچكى ئۆسۈكچىنى ھاسىل قىلىدۇ، ھۈجەيرە پەردىسىمۇ بۇنىڭغائەگىشىپ قاتلىنىدۇ، بۇنىڭ بىەل بەپردىنىڭ يۈزى زور دەرىجىدە كېڭىيىدۇ. بۇ خىل ھۈجەيرىنىڭ پوستى بىلەن پەردىسىنىڭ ئالاھىدە تۈزۈلۈشى پوست - پەردە ئاپپاراتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھۈجەيرە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ماددىلارنىڭ ئالمىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۆتكۈزگۈچى ھجۈيەرە ئۆسۈملۈكنىڭ ھايارلىق دەۋرى ۋە ئوخشاش بولمىغان قىسمىدا بولىدۇ، ئاساسەن ماددىلارنى قىسقا ئارىلىققا يۆتكەش رلىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن، پەللە يوپۇرماق بۇغۇمى، يوپۇرماق تومۇرىنىڭ ئۇچى، غول بوغۇمى، چاڭداننىڭ تىۋىتلىق قەۋىتى، ئۇرۇق تەگلىكى، ياردەمچى ھۈجەيرە، تەتۈر پۇتلۇق ھۈجەيرە، تۆرەلمە سېپى، تۆرەلمە سۈتنىنىڭ يۈزىدىكى ھۈجەيرە قاتارلىقلاردا ئۆتكۈزگۈچى ھۈجەيرە ياكى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.
ئۆسۈملۈك
通道细胞
tōng dào xì bāo
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.