Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆتكۈر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىچاق، قېلىچ قاتارلىق تىغلارنىڭ كەسكۈرلۈكى، ياخشى كېسىدىغان.
قىلىچتەك ئۆتكۈر بولما، تاياقتەك قاتتىق بولما. ئۆتكۈر سۆز ئۆمگەننى تېشەر. ئىتتىك ئۇستىرا غىلىپىنى كېسىپ چىقار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تېز ۋە ياخشى كېسىدىغان، قىرقىيدىغان.
گال، ئۆتمەس
تېز ۋە ياخشى كېسەلمەيدىغان، قىرقىيالمايدىغان.
پىچاق ئۆتكۈر بولسا، ياغاچنىڭ قاتتىقى يوق. تىغدىن تىل ئۆتكۈر. ئىتتىك ئۇستىرا قىننى كېسەر. گال پىچاق گال خوتۇنغا باھانە. ئۆتمەس پىچاق قول كېسەر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پىششىق ئىگىلىمەك، ئۆزلەشتۈرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ياخشى كېسىدىغان، تېز كېسىدىغان، ئۆتىدىغان، ئىتتىك.
ئۆتكۈر پىچاق. ئۆتكۈر قىلىچ. ئۆتكۈر پالتا.
قىلىچتەك ئۆتكۈر بولماق، تاياقتەك قوپال بولما (ماقال).
سۈپ. ئۇچى ئىنچىكە، ئۇچلۇق.
ئۆتكۈر بىگىز. ئۆتكۈر نەيزە. ئۆتكۈر تاش.
سۈپ. كۆچمە. ياخشى كۆرەلەيدىغان، كۆرۈش كۈچى، ئىقتىدارى كۈچلۈك؛ سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتەلەيدىغان.
ئۆتكۈر كۆز.
كۆزۈڭ نېمېدېگەن ئۆتكۈر، ئۇنى قانداق كۆرۈۋالدىڭ؟
سۈپ. كۆچمە. سېزىش، بىلىش ئىقتىدارى، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى يۇقىرى ۋە كۈچلۈك؛ زېرەك، زېھىنلىك.
ئۆتكۈر ئوقۇغۇچى. ئۆتكۈر ئادەم.
ئادىل زېھنى ئۆتكۈر، جىگەرلىك بالا ئىدى.
سۈپ. كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان، تەسىر قىلىش كۈچى كۈچلۈك، تەسىرلىك.
ئۆتكۈر تىل. ئۆتكۈر شېئىر.
ئۆتكۈر سۆز - ئاتقان ئوق (ماقال).
سۈپ. جىددىي، كەسكىن.
ئۆتكۈز زىددىيەت.
ئۇ ئانا - بالا ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈر ئىختىلاپ مەۋجۇت ئىدى.
سۈپ. كۈچلۈك؛ ھارارەتلىك.
چاۋار ئويغىنىپ كۆزىنى ئاچتى، دېرىزىدىن چۈشكەن قۇياشنىڭ ئۆتكۈر نۇرلىرى ئۇنىڭ كۆزىگە سانجىلدى.
سۈپ. تېز تەسىر قىلىدىغان، تەسىر قىلىش كۈچلۈك.
ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئىتتىك، ئۈزۈپ ماڭغۇچى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
تېز، ئىتتىك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئۆتكۈر، ئەقىللىق، چەبدەس كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۆتكۈر، ئەقىللىق، چەبدەس.