Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنى ئۆستۈرۈش
بىئولوگىيە
植物细胞培养
zhíwùxìbāopéiyǎng
ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنى تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى. ئۇ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ: (1) ھۈجەيرىنى سۇ سېپنزىيىلەپ ئۆستۈرۈش. جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلما ياكى ئاسان تارقىلىدىغان توقۇلمىنى سۇ يوق ئۆستۈرگەچكە سېلىپ چايقاپ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تارقىتىپ، ئۇنى ھۈجەيرىنىڭ سۇسپېنزىيىلىك ئېرىتمىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھۈجەيرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كۆپەيتىپ زور مىقداردىكى ھۈجەيرە توپىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت. تار كۆلەمدىكى سۇسپېنزىيىلەپ ئۆستۈرۈش ئۆستۈرۈش بوتۇلكىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ كەڭ كۆلەمدىكى ئېچىتىش تۇڭىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ تېخنىكا ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭ مېتابولىزمىنى تەتقىق قىلىش، كېيىنكى ماددىلارنى ئايرىۋېلىش، جىنسسىز سىستېمىلىق تېز كۆپەيتىش ياكى توساتتىن ئۆزگەرگەن تەنىلەرنى تاللاشقا ئىشلىتىلىدۇ. (2) تاق ھۈجەيرىنى ئۆستۈرۈش، ئۆسۈملۈكنىڭ ئورگان توقۇلمىسىدىن تاق ھۈجەيرىنى ئايرىۋېلىپ ئۆستۈرۈپ تۆرەلمىسىمان تەنە ياكى جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلمىغا ئايلاندۇرۇش ھەمدە قايتا ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مۇكەممەل ئۆسۈملۈك تۈپىنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار. ① تۈز تاختايدا ئۆستۈرۈش، يەنى سۇسپېنزىيىلەپ ئۆستۈرۈلگەن ھۈجەيرىنى نېپىز، قەۋەتلىك، قاتتىق ئۆستۈرگۈچكە ئېكىپ ئۆستۈرۈپ، تاق ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ② مىكروخانىدا ئۆستۈرۈ. يەنى ئاز ساندىكى ھۈجەيرىنى ئاز مىقداردىكى ئۆستۈرگەچكە ئېكىپ ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈش ۋە يېتىلىش جەريانىنى مىكروسكوپ ئاستىدا بىۋاسىتە كۆزىتىش. ③ ئەمگۈزۈپ ئۆستۈرۈش، يەنى تاق ھۈجەيرىنى جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلما ياكى ئېكتوفىتوزومىغا ئېكىپ كېيىنكىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدىنقىسىنى ئەمگۈزۈش، تاق ھۈجەيرىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئاساسەن ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ھۈجەيرىنى مەقسەتلىك ھالدا تەتقىق قىلىش ۋە نۇقتىلىق ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.