Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۆسۈملۈك گورمونى
دائىرە: بىئولوگىيە植物基素
zhíwùjīsù
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنى ئىچىدە ھاسىل بولىدىغان، تەنچە ئىچىدە يۆتكىلىدىغان ھەمدە ئۆسۈملۈكلەر تېنىنىڭ ئۆسۈش ۋە يېتىلىشى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان فىزىئولوگىيىلىك جەرياندا مۇھىم بولغان تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدىغان ماددا. بۇخىل مىكرو مىقدارلىق، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان مېتابولىزمنى تەڭشىگۈچى ماددا ئۆسۈملۈكنى ئۆستۈرگۈچى ماددا ياكى ئۆسۈملۈك گورمونى دەپ ئاتىلىدۇ. 1951 - يىلى K.v.Thimain نىڭ باشچىلىقىدا ئۆسۈملۈكنى ئۆستۈرگۈچى ماددىلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يىغىنى چاقىرىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن، 1954 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ۋىسكونسىن ئوبلاستىنىڭ مادىسون شەھىرىدە ئېچىلغان ئامېرىكا ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا ماقۇللاندى. ھازىر ئومۇم ئېتىراپ قىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر گورمونى ئائۇكسىن، گېببېرېلىن، سىتوكىنىن، ئابسىسسىك كىسلاتا ۋە ئېتىلېن قاتارلىق بەش چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىندىن بۇيان بەزى كىشىلەر ستېروئىدلارنى ھەتتا فىتوخرومىننىمۇ ئۆسۈملۈكلەر گورمونى قاتارىغا كىرگۈزدى، ئۆسۈملۈكنى ئۆستۈرگۈچى ماددىنىڭ تەسىر قىلىش ئالاھىدىلىكى قويۇقلۇقى تۆۋەن بولغاندا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، قويۇقلۇقى يۇقىرى بولغاندا تورمۇزلاش رولىنى ئوينايدۇ.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال植物激素
zhí wù jī s
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.