Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆسەكچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دائىم پىتنە - پاسات، ئىغۋا تېرىپ يۈرىدىغان كىشى.
پىتنىخور تىرناقتىن تۈك ئۈندۈرەر. ئىغۋاگەرنىڭ سۆزى يامان، سۆزدىنمۇ ئۆزى يامان. ئۆسەكچى ئۆزى ئازابلىنار. پىسقى - پاساتچى ئاخىرى پاسات بولار. كۆيدۈرگەن خەقنى كۆيدۈرىدۇ. ئۆزىنى كۈل قىلىدۇ. ئوتقۇيرۇقى دۈشمەندىن يامان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆسەك، يالغان - ياۋداق گەپ - سۆزلەرنى پەيدا قىلىدىغان ۋە تارقىتىپ يۈرىدىغان ئادەم؛ يالغان - ياۋىداق، بولمىغۇر گەپ - سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ تارقىتىشقا ئامراق كىشى؛ سۆز - چۆچەك تارقاتقۇچى.
- كىم بىلمەيدۇ، ئۇ دېگەن بىر ئۆسەكچىغۇ، - دېدى ئايخان قاينىغان ھالدا.