Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆرۈم
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
(ئۆ: رۈم) توي - تۆكۈن، چاي- ئولتۇرۇشلاردا نەغمە - ناۋا قىلىنغاندا، ئۇسسۇل ئوينىغانلارنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ بېرىلگەن ھەدىيە.
گۇلباھارغا جىق ئۆرۈم چۈشتى.* ھەممە ئۆرۈم ئۆرۈدى، ئۆزۈمنى سازەندىلەر ئالدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
ئۆرۈلگەن نەرسىنىڭ بىرلىكى.
بىر ئۆرۈم چاچ.* بىر ئۆرۈم سامساق. * سەككىز ئۆرۈم چېچىنى ئارقىسىغا تاشلىغان قىزچاق تېز ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. تېلىنى، تالاسىنى ياكى بىرنەچچە تۇتامىنى بىرگە قوشۇپ ئۆرۈلگەن ھەربىر بۆلىكى؛ ئۆرۈپ تەييارلانغان نەرسە ۋە شۇ نەرسىنىڭ ئۆرۈلگەن ھالىتى.
قىزنىڭ چاچلىرى ئۇزۇن، ئۆرۈمىلىرى يوغانىدى.
مىق. ئۆرۈلگەن، ئۆرۈپ توقۇلغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر ئۆرۈم سامساق.
ئى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە، توي - تۆكۈن مەشرەپلەردە ئۇسسۇل ئوينىغان كىشىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ سازەندىلەرگە ياكى چۈشى بۇزۇلۇپ قالغان، كۆڭلىگە بىرەر ۋەھىمە كەلگەندە ئۆزىنىڭ، بالا - چاقىلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ كەمبەغەل، ئاجىز - ئورۇقلارغا بېرىدىغان نەرسە.
- قىزنىڭ بېشىدىن ئوبدانراق بىر نېمىنى ئۆرۈم قىلىپ سەدىقە قىلىۋېتەيلى، - دېدى ئۇ ئايال.