Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۆرەغۇن (تىك غۇنقا)
دائىرە: ئۇيغۇر چالغۇلىرى吾热箜
wú rè kōng
بۇ غۇنقا ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ تارلىق چەكمە چالغۇ بولۇپ، قۇچاقتا تىك قويۇپ، ئىككى قول بارماقلىرى بىلەن تارا ئىلىپ چېلىنىدۇ. ياۋروپادا <ئارپا> دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىل مىڭئۆينىڭ 80 - غارىدا، قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ 58 - غارىدا ۋە قىزىل قاغا مىڭئۆينىڭ 23 - غارىدا بەدىنىگە رەڭدار شەلپەر ئوراپ ئۆرەغۇن چېلىۋاتقان يېرىم يالىڭاچ خانەندىنىڭ رەسىمى ساقلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.