Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
خاتالىق، كەمچىلىكلەر، ئەيىب - نۇقسانلارنى قىلچە بوينىغا ئالمىغانلىقنى، تەنقىد، تەنبىھلەرنىڭ تەسىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئىبارە: ئۇ مىڭ يەردىن قەسەم ئىچىپ، ئۆردەككە سۇ يۇقىمىغاندەك، ھېچقايسى گەپنى بوينىغا ئالمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
خاتالىق - كەمچىلىك، ئەيىب - نۇقسان قاتارلىقلارنى بوينىغا ئالمىغانلىقنى، تەنقىد، تەنبىھلەرنىڭ تەسىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
قادىر خۇددى قۇمدىن سۈزۈپ ئېلىنغان ئالتۇنغا ئوخشايدۇ. بۇ گەپ - سۆزلەر قادىرغا قىلىنغان بىر تۆھمەت بولۇپ، ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك، ئۇنىڭغىمۇ يۇقمايدۇ.