Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۆپكىلىك بېلىقلار
بىئولوگىيە
肺鱼类
fèiyúlèi
<دىپنويلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۆڭەكلىك بېلىقلارنىڭ بىر تۈركۈمى. يەنى بېلىقلار سىنىپىدىكى ئۆپكىلىك بېلىقلار كەنجى سىنىپىغا كىرىدۇ. ئىچكى سۆڭىكى قاتتىق سۆڭەك، لېكىن تەرەققىي قلىمىغان. باش سۆڭىكى ئۆزلۈكىدىن تۇتىشىش شەكلىدە بىرىككەن. جۈپ پالاقچىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئوتتۇرا ئوق شەكلىدە، ئەگرى تىپلىق قۇيرۇق ياكى ئىپتىدائىي تىپلىق قۇيرۇقى بولىدۇ. خوردىسى ئۆمۈر بويى ساقلىنىدۇ، تېخى ئومۇرتقىسى شەكىللەنمىگەن، يۈرىكىدە ئارتېرىيە كونۇسى، ئۈچىيىنىڭ ئىچىدە سپىرال كلاپانى بولىدۇ. كلوئاكا بوشلۇقى بار. پۈۋىكى پۈۋەك نەيچىسى ئارقىلىق قىزىلئۆڭگەچكە تۇتاشقان. قان ئايلىنىش سىستېمىسى ئالاھىدە بولۇپ، قوش ماكانلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. شۇڭا ئۆپكىلىك بېلىقلار ژابرا ئارقىلىق نەپەسلەنگەندىن سىرت يەنە پۈۋىكى ئارقىلىق قوشۇمچە نەپەسلىنەلەيدۇ. ئۇلار قەدىمىي بېلىقلار بولۇپ، تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى كېيىنكى دېۋون دەۋرىدىن تېپىلغان. ھازىر ساقلانغان تۈرلىرى ئاز بولۇپ، پەقەت ئۈچ ئۇرۇقداش، تۆت تۈرىلار قالغان. جەنۇبىي ئامېرىكا، ئافرىقا ھەم ئاۋسترالىيە قىتئەلىرىدىكى بەزى تروپىك بەلباغ تاتلىق سۇلىرىغا تارقالغان. ئۆپكىلىك بېلىقلارنىڭ ھازىر ساقلىنىپ قالغان تۈرلىرى ئىككى ئەترەتكە بۆلۈنىدۇ؛ ئاۋسترالىيە ئۆپكىلىك بېلىقلار ئەترىتى (Ceratodiformes)، يالغۇز ئۆپكىلىكلەر ئەترىتى (Monopneumones) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا پەقەت ئاۋسترالىيە ئۆپكىلىك بېلىقلا ( Neoceratodus forsteri) بولۇپ، جۈپ پالاقچىسى تەرەققىي قىلغان، بىر <ئۆپكە> سى بولۇپ، ئوكسېگىن كەمچىل سۇلاردا پۈۋىكى ئارقىلىق بىۋاسىتە ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيدۇ. بەدەن ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىرغا يېتىدۇ. مولليۇسكلار، قاسىراقلىق ھايۋانلار، ھاشاراتلارنىڭ لىچىنكىسى ھەم گېلېمنت (لۆم - لۆم قۇرتلار) قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئامېرىكا ئۆپكىلىك بېلىقلىرى ئەترىتى (lepidosireni formes)، <قوش ئۆپكىلىكلەر ئەترىتى> (Dipneumones) دەپمۇ ئېلىنىدۇ، جۈپ پالاقچىسى رۇدىمېنتلىشىپ يىپسىمان ھالەتكە كېلىپ پەقەت بىرلا ئوتتۇرا ئوق سۆڭىكى ساقلىنىپ قالغان. ئىككى <ئۆپكە> سى بار. جەنۇبىي ئامېرىكا ئۆپكىلىك بېلىقى (Lopidosiren paradoxa) ھەم ئافرىقا ئۆپكىلىك بېلىقى (protopterus annecteus) قاتارلىق ئىككى ئۇرۇقداش ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار سۇ قىس پەسىللەردە پۈۋىكى ئارقىلىق ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيدۇ، سۇ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەندە بولسا، چالپاق - لايلارنىڭ ئىچىگە تېشىپ كىرىپ، نەچچە ئايغىچە ئۈچەككە كىرىدۇ ۋە ئۇخلاپ پۈتۈنلەي پۈۋىكى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ.