Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆمۈرلۈك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بىر ئۆمۈر داۋام قىلىدىغان، ئۆمۈرۋايەتلىك.
ئۆمۈرلۈك دوست. ئۆمۈرلۈك ئىش. ئۆمۈرلۈك كەسىپ. ئۆمۈرلۈك ھەمراھ.
يامانلىق - بىردەملىك، ياخشىلىق - ئۆمۈرلۈك (ماقال).
رەۋ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۆمۈر بويى؛ ئەبەدىي.
ئۇ بۈگۈن يەنە ئۆزىنىڭ ئوردىغا ئۆمۈرلۈك سېتىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئى. ئۆمۈر بويى بىللە ئۆتىدىغان كىشىسى، جۈپتى (شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ).
- چۈنكى ئۆز ماكانىمدا ئۆمۈرلۈك سەئىدە يولۇمغا تەلمۈرۈپ قالغان، - دەپتۇ سەلەي.