Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۆلۈش
دائىرە: بىئولوگىيە死亡
sǐwáng
ئورگانىزمنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتى ۋە مېتابولىزمنىڭ ئەسلىگە قايتماي ئاخىرلىشىشى ئۆلۈش دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈشى قېرىشتىن بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئۆلۈش ياكى تەبىئىي ئۆلۈش؛ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈش؛ كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر ياكى باشقا ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئورۇنسىز ئۆلۈش قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۆلۈش جەريانىنى كېلىنىكىلىق ئۆلۈش ۋە بىئولوگىيىلىك ئۆلۈشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. كلىنىكىلىق ئۆلۈش رېفلېكىس يوقىلىش، يۈرەك سوقۇش ۋە نەپەس ئېلىش، توختاش، بىراق ئورگانىزمنىڭ توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلىرى يەنىلا ئاجىز مېتابولىزمنى ئېلىپ بېرىش، جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنسا ھاياتىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. بىئولوگىيىلىك ئۆلۈشتە يۈرەكنىڭ سوقۇشى توختاپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەيدىغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئىقتىدارىنى مەڭگۈ يوقىتىپ، ئورگانىزمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلمەيدىغان دەرىجىدە يوقالغان ۋاقىتنى ئورگانىزمنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى مىسال قىلغاندا، ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئەۇ دەسلەپتە كۆرۈلىدىغان بەلگە يۈرەكنىڭ سوقۇشى توختايدۇ. بىراق نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئۆلۈشتىن بۇرۇن بۇ خىل ئەھۋالنى ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ. يۈرەك سوقۇشتىن توختىغاندىن كېيىن، بەدەندىكى باشقا ھۈجەيرىلەر قان ئېلىپ كېلىدىغان ئوكسىگېنغا ئېرىشەلمەي ئارقا - ئارقىدىن ئۆلىدۇ. ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئەڭ بۇرۇن ئۆلىدۇ. بەزى تېرە ھۈجەيرىلىرى نىسبەتەن ئۇزۇنراق ۋاقىتتىن كېيىن ئۆلىدۇ.
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەربۇددا دىنى
生老病死
shēng lǎo bìng sǐ
دائىرە: ئۇنىۋېرسالئۆلۈش (ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش)
横死
hèng sǐDئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
毙命
bì mìngDئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
死亡
sǐ wángDئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
亡故
wáng gùDھەربىي
毙命
bì mìng
ئىختىساسلىق
دائىرە: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىتەبىئىي پەن
دائىرە: بىئولوگىيەبىر قولنىڭ باشمالتىقى ۋە چىمچىلىقىنى چىقىرىپ، تۆۋەنگە يىقىتىدۇ.
死亡
sǐ wáng
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.