Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆلگەندىن كېيىن مال مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇنىڭدا مۈلۈك ئىگىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مۈل - مۈلۈكنى ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي شەكلى ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ئىئانە قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئاساسىي پرىنسىپ شۇكى، ئىئانە قىلغان مىراسى مەرھۇمنىڭ ساپ مۈلكىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. ئىئانىنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسقا بېرىشكە بولمايدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ئىئانە قىلىش توغرىسىدا فەقىھلەر بەزىدە تالىشىپ قالىدۇ. بەزىلەر ھايات ۋاقتىدا ۋە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر تەرەپ قىلىنغان مۈلۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئىئانە قائىدىسى ۋە ۋەسىيەت قائىدىسىنىڭ ئىككى ياقلىمىلىق چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ جەھەتتىكى پرىنسىپ ھايات ۋاقتىدا مۈلۈكنى تەقسىم قىلىۋېتىشتىن پەرقلىنىدۇ.