Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆلچىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆلچىمىنى تاپماق، ئېنىقلىماق.
يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس. مالنىڭ قىممىتىنى ئورىلىشىغا قاراپ ئۆلچىمە. مۇھەببەتنى ساۋات بىلەن ئۆلچىگىلى بولماس. شۇئان دەڭسەپ كۆرۈپ، ئېغىرلىقىنى بىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى، چوڭ - كىچىكلىكى، ئېغىرلىقى، ھەجمى ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئېنىقلىماق.
سۇنىڭ مىقدارىنى ئۆلچىمەك. پاختىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمەك.
يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس (ماقال).* سايەڭگە قاراپ ەبويۇڭنى ئۆلچىمە (ماقال).
كۆچمە. بىرەر مەسىلە ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزمەك، ئۇنىڭ پايدىلىق ياكى زەرەرلىك تەرەپلىرىنى ھېسابقا ئالماق؛ مۆلچەرلىمەك.
سابىر، قاسىمنىڭ پىكىرىنى ئۆلچەپ كۆرۈۋاتقاندەك قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئويلىنىپ تۇردى - دە، قاسىمغا قارىدى.