Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۆلچەمگە توشمايدىغان قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
故意提供不合格式器装备军事设施罪
gù yì tí gōng bù hé gé shì qì zhuāng bèi jūn shì shè shī zuì
بۇ - سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمايدىغان قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قوراللىق قىسىملارغا بېرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - قوراللىق قىسىملارنىڭ كۈرەش قىلىش كۈرى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمايدىغان قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قوراللىق قىسىملارغا بەرگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبېيكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ (قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچىلار بولىدۇ).
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
370 - ماددا 1 - تارماق ئۆلچەمگە توشمايدىغان قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى قوراللىق قىسىملارغا بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىن 1 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.