Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆكۈنچ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پۇشماق؛ نادامەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نالايىق قىلمىشى ئۈچۈن ئازابلىنىش.
پۇشايماننى ئالغىنى قاچا تاپالماي قالماق. كېيىنكى پۇشمان _ ئۆزۈڭگە دۈشمەن. ئېھتىيات قىل.كېيىنكى ئۆكۈنچ يامان. ئاتبېشى نارىندا قاچتى ئات، ئات ئاتاڭچە بولسا، ئال قوزۇقنى باغلا - يات، مېنىڭ ئېتىم موللا بارات، مەندىن باشقىلارغا پەندىيات.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆكۈنچ، پۇشايمان.
ئول تەلىم ئۆكۈنچ ئۆكۈندى _ ئۇ تولىمۇ ئۆكۈندى.
1 - 179
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆكۈنچ، پۇشايمان، ھەسرەت.
ئول ئاڭار ئۆكۈنچ قىلدى _ ئۇ ئۇنىڭغا ئۆكۈندى، پۇشايمان قىلدى.
3 - 609
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پۇشايمان قىلىش تۇيغۇسى تۈپەيلى مەيدانغا كېلىدىغان ئەپسۇسلىنىش، ئېچىنىش، خاپىلىق، غەمكىنلىك.
ئۆكۈنچ ئىچىدە قالماق.
ئۇنىڭ قەلبىنى قانداقتۇر بىر ئۆكۈنچ چىرمىۋالغانىدى.