Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۆكتەبرىستلار پارتىيىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى十月党
shí yuè dǎng
17 - ئۆكتەبر ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. روسىيىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيە، چوڭ پومېشچىكلارنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي پارتىيىسى. 1905 - يىلى 11 - ئايدا يەرلىك ئاپتونومىيە ھەرىكىتىدىكى ئوڭ قانات ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ پارتىيىگە <ئىقتىسادىي تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى> مۇ قاتناشقان. نىكولاي Ⅱ ئېلان قىلغان <17 - ئۆكتەبر خىتابنامىسى> نى ئېتىراپ قىلغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ پارتىيە ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىقنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇنىڭدىن مەقسەت ئاساسىي قانۇننى مۇستەبىتلىك تۈزۈمنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. 1905 - يىلىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن سىتولىپىننىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتىنى قوللىغان، فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قاتنىشىپ جاھانگىرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا داۋاملىق مەدەت بەرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەرنى توپلاپ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.