Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆيلۈك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۆيى بار، ئۆيگە ئىگە.
- ھازىرچە جايلىشىپ تۇرسۇن، ئۇلار بۇ ئۆيلەردە ئۇزۇن ئولتۇرمايدۇ، كېيىن يەر كۆرسىتىپ بەرسەك، ئۆيلۈك ۋە باغۋارانلىق بولۇپ قالىدۇ، - دېدىم كاتىپقا.
ئۆي چۈشىدىغان، ئۆي سىغىدىغان.
- شۇنچە كەڭ يېزىدىن مۇئەللىم پاتقۇدەك ئۆيلۈك زېمىن چىقمامدىكەن! - دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.
ئۆيلەردىن تەشكىل تاپقان، ئۆيلەردىن ئىبارەت.
يۈز ئۆيلۈك مەھەللە.
بىزنىڭ ېيزىدا ئوتتۇز ئۆيلۈك ئادەم بار.
ئۆي تۇتقان، ئائىلە قۇرغان، توي قىلىپ ئائىلىۋى تۇرمۇش كەچۈرگەن.
ئۆيلۈك بولماق.