Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆگۈز
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
دەريا، ئېقىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەبىئىي زور سۇ ئېقىمى، چوڭ سۇ ئاقدىغان يەر.
تەبىئىي زور سۇ ئېقىمى، سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالما. ھەر ئۆرەننىڭ ئۆز يۆنىلىشى بار. مۈرەن مەڭگۈ توختىماس. قەترە _ قەترە ئۈستىگە جەم بولسا، ئۇ بولغاي نەھىر، نەھىر ئۈستىگە نەھىر كەلسە، بولار دېڭىز ئاخىر. توشقان ئۆگۈز ئۇچتا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
جەيھۇن ۋە فىراتقا ئوخشاش ھەممە چوڭ ئېقىنلارغا بېرىلگەن نام. بۇ سۆز يالغۇز قوللىنىلغاندا، ئوغۇز لارچە « بەنەگىت _ بەنەگىت» دەرياسى دېگەن ئۇقۇمنى ئاڭلىتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى شۇ دەريا قىرغاقلىرىغا جايلاشقان؛ ئۇلارنىڭ كۆچمەنلىرىمۇ شۇ دەريا قىرغاقلىرىدا ياشايدۇ. تۈرك خەلقلىرى ياشايدىغان ئۆلكىلەردىكى باشقا بىر مۇنچە دەريا ۋە ئېقىنلارمۇ « ئۆگۈز» دەپ ئاتىلىدۇ. « ئىلا _ ئىلى» ۋادىسى بىلەن « يافىنچ _ يافنىچ» ۋادىسى ئارىلىقىدا چېگىرىغا جايلاشقان بىر شەھەرگىمۇ « ئىككى ئۆگۈز _ ئىككى ئۆگۈز» دەپ نام بېرىلگەن.
1 - 81
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دەريا، ئېقىن