Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆگرەيۈك
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئادەت.
خاقان ئافراسىياپ زامانىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر مەرسىيەدە مۇنداق كەلگەن:
ئۆگرەيۈكى مۇنداغ ئوق
مۇندا ئازىن تىلداغ ئوق
ئاتسا ئاژۇن ئوغراپ ئوق
تاغلار باشى كەرتىلۈر
{(زاماننىڭ) ئادىتى زادى مۇشۇنداق،
مۇندا باشقا سەۋەپمۇ بار تېخى،
دۇنيا چەنلەپ ئوق ئاتسا،
تاغلارنىڭ بېشى كەرتىلىدۇ.}
زاماننىڭ ئادىتى شۇنداق، بۇندىن باشقا بىر مۇنچە قورقۇنچلۇق سەۋەبلەرمۇ بار. زامان تاغ بېشىنى چەنلەپ ئوق ئاتسا، تاغ بېشىمۇ پارە - پارە بولۇپ كېتىدۇ.
1 - 216