Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆگ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ پىكىر قىلىش قابىليىتى.
ئەقىل بىلەن ئەدەب قوشكېزەك، ئەقىل ھەسەندۇر، ئەدەب ھۈسەن. ئەقىل توزۇماس، بىلىم خورىماس. ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا. كېچىككەن ئەقىل _ ئورمىدىن كېيىن يامغۇر. بەخىتلىككە ئەقىلنىڭ نېمە كېرىكى، ئەقلى يوققا بەختنىڭ نېمە كېرىكى. ئەقىل بىلەن ئىدراك پەقەت ئاڭا يار، پۈتۈن تىلىسىز ئالەم پەرمانىغا يار. ئىدراكقا تولسا گەر ياشنىڭ قەلبى، ھەتتا قېرىلاردىن ئۆتىدۇ ئەقلى. كەپسىزنىڭ پاراسىتى يوق، غەمسىزنىڭ پاراغىتى. ئادەمنىڭ زېھنى ئىشلەتكەنسېرى ئېچىلىدۇ، ئىشلەتمىسە تۇتۇلىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەقىل، ئۇقۇم، چۈشەنچە، ئاڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بالا تۇغقان، بالىلىق بولغان ئايال؛ ئەڭ قەدىرلىك نەرسىگە تىمسال.
«ئىنە» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ. «ۋالىدە» كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ، ھازىر ئىستېمالدىن قالغان، ئارخائىزم.
ئانا مەكتەپ. ئانا ۋەتەن. ئانا تىل. ئانا يېتىم _ گۈل يېتىم، ئاتا يېتىم _ كۈل يېتىم. ئاناڭغا رەھمەت. ئانا كۆرۈپ قىز ئال. ئانا ئايىغىدا جەننەت بار. تاپقان ئاناڭ ئەمەس. باققان ئاناڭ. ئانا بىر قولى بىلەن ئۇرىدۇ، بىر قولى بىلەن كېپەككە ساتىدىكەنمەن. ۋالىدە ۋالىيدىن چوڭ، ۋەلىدىن ئۇلۇغ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەقىل،پەم،زېھىن.
ئەقىللىق، زېھىنلىك ۋە ياشتا چوڭ كىشىلەر « ئۆگە» دېيىلىدۇ. ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقان ھەر قانداق ھايۋانمۇ « ئۆگ» دېيىلىدۇ. مەسىلەن، تۆت ياشتىن ئاشقان « ئۆگ ئات» دېيىلىدۇ.
1 - 67
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئانا، ئاپا
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل گۈل تۈرى
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ماختىماق، مەدھىيلىمەك، قوللىماق، ماختاش، چوڭ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئەزمەك، يانجىماق